ئاشىق مەشۇقلارنىڭ مۇھەببەت خېتى
بىر ياش باشقا شەھەرگە ئاشپەزلىكنى ئۈگەنگىلى بېرىپتۇ . ئۇ يۇرتىدىكى قىز دوستىنى ئىنتايىن سېغىنىپ ، ئۇنىڭغا مۇھەببەت خېتى ئارقىلىق كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپ خەت يېزىپتۇ . خېتىدە مۇنداق دەپ يېزىپتۇ :
قەدىرلىكىم : مەيلى كۆكتات ئاقلاۋاتقان ياكى قورۇما قورۇۋاتقاندا بولسۇن دائىم خىيالىمدىن كەتمەيسىز . مەن سىزنى ئىنتايىن سېغىندىم ماڭا نىسبەتەن سىز تۇزغا ئوخشايسىز ھاياتىمدا كەم بولسا بولمايدىغان تۇزنى بىلەمسىز ؟ !
ھەر كېتىم موگونى كۆرگەندە كۈزىڭىزنى كۆرگەندەك ، سۇڭپىيازنى كۆرگەندە نازۇك قۇللىرىڭىزنى ، پەمىدۇرنى كۆرگەندە يۈزىڭىزنى ، يېسى پۇرچاقنى كۆرگەندە ئەۋرىشىم بۇيىڭىزنى كۆرگەندەك بولىمەن . مەن سىزدىن ئايرىلمايمەن ماڭا تېگىڭ . مەن سىزنى ئېيىق تاپىنىدەك قەدىرلەيمەن ! ........
ئۇزۇن ئۆتمەي قىز دوستىدىن خەت كەپتۇ . قىز خېتىدە :
مەنمۇ سىزنىڭ < غاز پېيىدەك قېشىڭىزنى > ، پەمىدۇردەك كۆزىڭىزنى ، سامساق بېشىغا ئوخشاش بۇرنىڭىزنى ، ياڭيۇغا ئوخشاش ئاغزىڭىزنى ئىنتايىن سېغىندىم . سىزنىڭ كاۋىغا ئوخشاش بوي - بەستىڭىزنى دائىم ئەسلەپ تۇرىمەن . لېكىن مەن بامبۇك نوتىسىدەك نازۇك بولغۇنۇم ئۈچۈن ، تالالىق بولۇشۇمغا تېخى بالدۇر يەنە كېلىپ ئىككىمىز سۇ بىلەن مايدەك بىر يەرگە