بوۋاقلار ئادەتتە چوڭلارنىڭ گەپ قىلىش ئۇسۇلى، مىمىكىسى ۋە ھەرىكىتىنى دورايدۇ، ئەمما چوڭلارنىڭ چىرايىنى غەلىتىلەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى تاساددىپىي دوراپ سالمىسا، ئادەتتە بىر كۈلۈپ قويۇپلا بولدى قىلىدۇ.
كانادالىق مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: بوۋاقلار تاللاپ ئۆگىنىشنى بىلىدۇ. خۇددى ئۆزىدىن چوڭ بالىلارغا ئوخشاش، ئۇلارمۇ چوڭلارغا ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىكنى تاللايدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى دوراش ياكى دورىماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىدۇ.