پەن-تېخنىكا ئادەمنى ئېرىنچەك قىلىپ قۇيىدۇ، بەزىدە سىز تېلفۇنى قول بىلەن چىكىپ ئىشلىتىشنى ئاۋارچىلىق دەپ قارامسىز؟ ئامېركىدىكى داڭلىق بىر شىركەت مۇشۇ نوقتىنى كۆزدە تۇتۇپ، چەكمە كونتۇرول قىلىش ئىقتىدارىنى تېلفۇننىڭ تېلفۇن ئاسىراش قېپىغا قۇشىۋەتكەن، بۇنداق بولغاندا چەكمە ئېكران ھاجەتسىز بۇلۇپ، قول تېلفۇنى بىلەن ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغىلى بۇلىدىكەن. بۇ خىل پاسۇن Sensus نىڭ ئاسىراش پەردىسى دەپ ئاتالغان. بۇ يىل كۈزلۈك CES كۆرگەزمىسىگە قاتناشماقچى. يازدىن باشلاپ بازارغا سېلىنىدىكەن.
Sensus نۆۋەتتە iPhone 4/4S/5 ۋە iPad mini بىلەن بەشىنچى ئەۋلات iPod touch نىڭ نۇسخىسى قاتارلىقلارغا ماس كىلىدۇ. ئاسىراش پەردىسىنىڭ كەينى ۋە ئوڭ تەرىپىگە ئېندۇكسىيە يۈرگۈزۈلگەن بۇلۇپ 10 خىل ئىقتىدارنى كونتۇرول قىلالايدۇ. شۇڭا ئىشلەتكۈچىلەر تۇرمۇشتا ئىشلەتكەندە، پەردىنىڭ ئارقى تەرىپى ئارقىلىق بەت ئۆرىسە، ئوڭ تەرىپى ئارقىلىق ئۈستىنگە سىرىش ۋە تۆۋەنگە سىرىش مەشخۇلاتىنى قىلسا بۇلىدۇ. بۇنداق بولغاندا كۆرۈش قۇۋىتىڭىز تەسىرگە ئۇچىرمايدۇ.