ئورۇقلاش ئۈچۈن چېنىقىش ئۆيىگە بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق
ئەنگلىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر 1999- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە بولغان يىللىق ساغلاملىق تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېيىشتى: «پىيادە تېز مېڭىش، سۇغا چۆمۈلۈش، ۋېلىسىپىت مىنىش، گىمناستىكا، ئۇسۇل ئويناش، ئاستا يۈگۈرۈش، پۇتبول ۋە زەيتۇن توپ قاتارلىق ئوتتۇرا سالماقتىكى ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ ماتېرىيالىنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن، باشقا ھەرقانداق ھەرىكەتكە قارىغاندا كۈندە يېرىم سائەت تېز ماڭغان ئادەمنىڭ بەدىنى تېزلىكتە يېنىكلەپ، بەل ئايلانمىسى تېز كىچىكلەيدىكەن».
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «تەتقىقاتىمىزنىڭ نەتىجىسىدىن ئايان بولدىكى، ياشلىق مەزگىلىدە پۇتبول، قولتوپ ۋە ۋاسكېتبول قاتارلىق كوللېكتىپ توپ ئويناپ بەرگەن ئادەمنىڭ ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە سۆڭىكى تېخىمۇ ساغلام بولىدىكەن، ھەتتا بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى سۇ ئۈزگەننىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىكەن».
ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى