ۋاڭيى تورى خەۋىرى:
بۈگۈنكى يېڭى ئۇچۇرغا قارىغاندا، iPhone 6s نىڭ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئېلان قىلىنىش ۋاقتى ئاخىرى ئاشكارىلانغان بولۇپ، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىدىكى بىر نەپەر ئىچكى خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، iPhone 6s يەنى كىيىنكى بىر ئەۋلاد ئايفون 11-سېنتەبىر رەسمىي زاكاز قوبۇل قىلىشنى باشلاپ، 18-سېنتەبىر بىر قىسىم رايونلاردا رەسمىي بازارغا كىرىدىكەن، ھالبۇكى، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئەھۋالىدا سەل ئوخشىماسلىق باركەن، يەنى 18-سېنتەبىر ئالدىن زاكاز قوبۇل قىلىشنى باشلاپ، بىر ھەپتىدىن كىيىن، يەنى 25-سېنتەبىردىن باشلاپ بازارغا كىرگۈزۈلىدىكەن. ئېلىمىزدىكى ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ھەممىسى ماس قەدەمدە سېتىشنى يولغا قويىدىكەن.
ئايفوننىڭ ئىلگىرىكى بازارغا سېلىنىش ئادىتىگە ئاساسلانغاندا، iPhone 6s تۇنجى تۈركۈمدە ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئاۋستىرالىيە، ياپونىيە ۋە شىياڭگاڭ قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار بازىرىغا كىرگۈزۈلىدىكەن.
ئەگەر بۇ ئۇچۇر راستىنلا ئىشەنچلىك بولسا، ئۇنداقتا چوڭ قۇرۇقلۇق iPhone 6s تۇنجى تۈركۈمدە بازارغا كىرىدىغان رايونلار ئىچىگە كىرمەيدىكەن، بىراق، ۋاقىت پەرقى ئاران بىر ھەپتە بولغاچقا، دۆلىتىمىزدىكى ئالما مەستانىلىرى چوقۇم بىر ھەپتە ئارتۇق ساقلاشنى قوبۇل قىلالايدۇ، چۈنكى، بۇلتۇر iPhone 6 چوڭ قۇرۇقلۇق بازىرىغا بىر ئاي كېچىكىپ كىرگەن. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئالما شىركىتى ئېلىمىز سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن يېڭى ئايفون ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى مەخپىي ساقلاشنى تەلەپ قىلغانلىقتىن، ھازىرغىچە iPhone 6s نىڭ جۇڭگودا تورغا كىرىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە ھىچقانداق ئۇچۇر يوق.
تۆۋەندىكىسى ئالتۇن ئەتىرگۈل رەڭلىك ۋە باشقا نۇسخىدىكى iPhone 6s نىڭ ئۇقۇم سۈرەتلىرى