تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
سادىق ھاجى ساتتار

 

بېيجىڭ كىنو سىتۇدىيسى ئىشلىگەن ھېكايە فىلىم <يايلاقتىكى بۈركۈت> دە باش پىرسۇناژلارنىڭ بىرى بولغان مال دوختۇرى ئالىمىنىڭ رولىنى تۇنجى ئېكران ھاياتىدا مۇۋاپىقىيەتلىك يارىتىپ، ھەر مىللەت كىنو تاماشىبىنلىرى ئارىسىدا ئاجايىپ تەسىرلەرنى قوزغىغان. سادىق ھاجى ساتتار 1942 - يىلى قەدىمى مەدەنىيەت بۆشۈكى بولغان قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيىسى نەزەرباغ رايونى چۈمبۇس كەنتىدە مېھنەتكەش دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

 

     مەكتەپ يېشىغا توشقاندىن كېيىن قازىرىق مەكتىپىدە ئوقۇغان. ئۇنىڭدىكى سەنئەت ئىشتىياقى ۋە ئۇلى ئۇنىڭ ئۆز يېزىسىدىكى مەكتەپ ھاياتىدا سېلىنغان بولۇپ، ئۇ بالىلىق چاغلىرىدىلا مەكتەپنىڭ سەنئەت كۇرژىكىغا قاتنىشىپ، ئۆز قابىليىتىنى نامايەن قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئەينى يىللاردا چۈمبۇس يېزىسىدا مەخسۇس ئويۇن قويۇش ئۈچۈن ياسالغان بىر سەھنە بولۇپ، قەشقەر سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى پات - پات بۇ يەرگە كېلىپ دىرامما، ئوپىرا، ناخشا-ئۇسۇللارنى ئوينايتتى. ھەر قېتىم ئويۇن قويۇلۇپ ئاخىرلاشقاندا تەڭتۈش بالىلار سەھنىدە قويۇلغان ئويۇنلارنى دوراپ مەھەللىنى بىر ئالاتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە كىچىك سادىقنىڭ دوراش ماھارىتى ھەممىدىن ئۈستۈن، ھەرىكەتلىرى تېتىك ۋە چاققان بولغاچقا تەڭتۈشلىرى ۋە چوڭلارنىڭ ئالدىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى. سادىق ھاجى ساتتار 1956 - يىلى قەشقەر سەمەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، ئاپتونۇم رايونىدىن ئوقۇغۇچى تاللاشقا بارغان سەنئەتكارلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە كۆزىتىشى ۋە سېنىقىدىن ئۆتۈپ ئاپتونۇم رايونلۇق سەنئەت ئۆمىكى ئاچقان ئۇسسۇلچىلارنى يېتىشتۈرۈش كۇرىسىغا قوبۇل قىلىندى ھەمدە شۇ يىلى پېشقەدەم سەنئەتكار سىراجىدىن زۇفەر، ئامىنە غالىيۋالارنىڭ كۆرسىتىشى، مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بېيجىڭ ئۇسسۇل مەكتىپىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلدى. ئۇ ئوقۇشنى تاماملاپ شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ئوپىرا ئۆمىكىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر مەزگىل بالىت ئۇسسۇلى ئاساسى مەشىقىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، بىر تۈركۈم ياش ئارتىسلارنى يېتىشتۈردى.

 

    1963 - يىلى <گۈلەمخان> ئوپىراسىدا شاڭيو ئوبرازىنى، 1963 - يىلى <ياش ئەۋلادلار> دىرامىسىدا باش پىرسۇناژ شاۋجىينىڭ رولىنى جانلىق يارىتىپ نەتىجە قازاندى. ئۇ يەنە بېيجىڭ كىنو سىتۇدىيسى ئىشلىگەن < يايلاقتىىكى بۈركۈت > فىلىمىدە باش پىرسۇناژ مال دوختۇرى ئالىم رولىنى ئورۇنداپ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ياخشى تەسىر قوزغىدى ۋە ئالاقىدار يولداشلار ئۇنى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدىن ئوپىرا ئۆمىكىگە ئالماشتۇرۇپ قويدى. سادىق ھاجى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 1988- يىلى تەڭرىتاغ كىنو سىتۇدىيسى ئىشلىگەن <سەرسانلار> ناملىق ھېكايە فىلىمدە باش پىرسۇناژ بولغان دارۋاز ئۇستازى قادىر ھاجى رولىنى، 1991-يىلى ئىشلەنگەن <موللا زەيدىن> ناملىق ھىكايە فىلىمدە گايىت ھاجى رولىنى، 1991-يىلى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسسى ئىشلىگەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى <جۇڭگودىكى خىسلەتلىك ئوت> دا ئۇيغۇر بوۋاي ئارمان ئوبرازىنى، 1993-يىلى تەڭرىتاغ كىنو سىتۇدىيسى بىلەن تىيەنجىن كىنو سىتۇدىيسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن ھىكايە فىلىم <ئاماننىساخان> ۋە شۇ ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا مۇقامشۇناس، شائىر ئاماننىساخاننىڭ دادىسى مەخمۇت ئاكىنىڭ ئوبرازىنى، 1994-يىلى ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى <تۇمانلىق سەھەر>دە ئابلىز ھاجى رولىنى، <زوزوڭتاڭ> ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ھەيدەر بەگ ئوبرازىنى، 2000-يىلى ئىشلەنگەن <كۈتۈش> ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىدە دادا ئوبرازىنى، شۇنداقلا يىقىندىن بۇيان ئىشلەنگەن < ھەسرەتلىك كۆز يېشى> ناملىق تۆت قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا سادىق ئاكا رولىنى، < قاينام> ناملىق ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا دادا رولىنى، <جۇدۇندا ئېچىلغان چېچەك> ناملىق ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا پىشقەدەم مائارىپچى، <سەھرادىن كەلگەن بالا باققۇچى قىز> ناملىق ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىردا دادا رولىنى، يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام فىلىملىرىدىن <بايات مۇقامى> دا دادا رولىنى، <سىگاھ مۇقامى> دا قۇمۇل ۋاڭى رولىنى، <كۆلەڭگە> ناملىق ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا پادىچى بوۋاي رولىنى، <دولان ياشلىرى> ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا مۇقام پىشۋاسى ئوبرازىنى مۇۋاپىقىيەتلىك يارىتىپ كەڭ سەنئەت سۆيەر كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان ئوبرازى ۋە ئالقىشىغا ئىرىشتى. سادىق ھاجى ساتتار ئۇزۇن يىللىق سەنئەت ۋە ئېكران ھاياتىدا پېرسۇناژلار ئوبرازىنى يارىتىش جەريانىدا تۇرمۇش ئۆگىنىش ۋە تەجرىبىلەرنى توپلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ، پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرىنى، ئالاھىدىلىكلىرىنى پۇختا ئىگەللەپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى ھسېسىياتىنى چوڭقۇر ئىچىپ بېرىپ بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى. ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېينكى ئېكران ھاياتى تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغۇسى.

ئەسلى مەنبەسى: okyan.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز