تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
باھار پەسلىدە جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەر

باھار پەسلى جىگەرنى قۇۋۋەتلەشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى، بۇ پەسىلدە ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، پىياز، سامساق، كۆك مۇچ قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كېرەك، بۇ خىل يىمەكلىكلەر سەپرانى ھەيدەپ، جىگەرنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ، يەنە ئۆسمىگە قارشى تۇرۇپ، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى بار.


باھاردا قانداق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلسا جىگەرنى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ؟ باھار پەسلى جىگەرنى قۇۋۋەتلەشنىڭ ئەڭ ياخشى پەسلى. شۇڭا بىز جىگەر قۇۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، جىگەرنى قوغدىشىمىز لازىم. جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، جىگەرنى ئاسراش رولىغا ئىگە يېمەكلىكلەردىن قايسىلارنىڭ بارلىقىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا بىرلىكتە قاراپ باقايلى.


جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەر ناھايتى كۆپ، ئەمما ماس كېلىدىغاننى تاللاشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك. تۆۋەندە باھار پەسلىدە جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەرنى تونۇشتۇرىمىز.


1. پىياز، سامساق، كۆك مۇچ

باھار پەسلى جىگەرنى قۇۋۋەتلەشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى، بۇ پەسىلدە ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، پىياز، سامساق، كۆك مۇچ قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك. بۇ خىل يېمەكلىكلەر سەپرانى ھەيدەپ، جىگەرنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ، يەنە ئۆسمىگە قارشى تۇرۇپ، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى بار.


پىياز، سامساق، كۆك مۇچ قاتارلىقلار بىر قەدەر ئاچچىق، لېكىن تەركىبىدىكى سۇلفىد مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا، ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنى غىدىقلاپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن پىياز، سامساق تەركىبىدە مىكرو ئېلېمېنت سىلىن بولغاچقا، ئاشقازان - ئۈچەي يولى ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە.

2. چىلان

باھار پەسلى ئۆسۈش پەسلى، بۇ پەسىلدە بەدەننى قۇۋەتلەش ۋە قاننى كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم، شۇڭا ئادەتتە چىلاننى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك. بولۇپمۇ ئاياللار باھار پەسلىدە چىلاننى كۆپرەك يەپ قان تۇلۇقلىغاندا، مەڭزى تېخىمۇ قىزىرىپ، چىرايى ياخشىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە چىلاننىڭ تەمى تاتلىق، جىگەرگە ياقىدىغان بولغاچقا، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، جىگەرنى ئاسراش رولى بار.

3. پۇرچاق ئۈندۈرمىسى (ئۈندۈرمە ئوتياش)

باھار پەسلىدە پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنىڭ ئىسسىقنى قايتۇرۇش ئۈنۈمى بولغاچقا، باھار پەسلىدە ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.پۇرچاق ئۈندۈرمىسى يەنە بەش ئىچكى ئەزانىڭ قىشتىن باھارغا ئالمىشىشىغا ياردەم قىلىپ، سەپرانى ھەيدەپ، جىگەرنى راۋانلاشتۇرۇپ، تال ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرىدۇ.

4. يىڭنىسىمان گۈمبەمەدەك

يىڭنىسىمان گۈمبەمەدەكنى نۇرغۇن ئادەم ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى تاتلىق، تۇزلۇق، تەركىبىدە مول بولغان B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار، ۋىتامىنC، مىنېرال ماددا،β سەۋزە پېگمىتى، كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار بولۇپ، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋەتلەش، ئاشقازان-ئۈچەينى ئاسراش ئۈنۈمىگە ئىگە. ئۇنىڭ ئۈستىگە يىڭنىسىمان گۈمبەمەدەك يۇقىرى كالىيلىق تۆۋەن ناترىيلىق يېمەكلىك بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە بولغاچقا، ياشانغانلارغا ناھايىتى پايدىلىق.

5. پالەك

پالەك ئەتىياز پەسلىدە يېيىشكە ناھايىتى ماس كېلىدىغان يېمەكلىك بولۇپ، قاننى ياخشىلاش قاتارلىق رولى بار. تەركىبىدە مول ئاقسىل، مىكرو ئېلېمېنتلار ۋە ۋىتامىن س قاتارلىقلار بار، جىگەرنى قوغداشتا ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمى بار.

پالەكنىڭ تەركىبىدە ئوتياش كىسلاتاسى بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ كالتسىينى سۈمۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭا پالەكنى پىشۇرۇشتىن بۇرۇن سۇدا قاينىتىۋېتىپ ئاندىن پىشۇرۇش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئوت كىسلاتاسىنىڭ مىقتارىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

6. سەۋزە

سەۋزە تەركىبىدىكى كۆپ خىل بىرىكمىلەر جىگەرنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، كاربونلۇق تېتراخلورىد كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان جىگەرنىڭ زەھەرلىنىشىنى توسىدۇ، زەخىملەنگەن جىگەرگە قارىتا ئىنتايىن كۈچلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى بار.

7. شوخلا

جۇڭيى تېبابىتىدە شوخلىنىڭ قان توختىتىش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ سۈيدۈكنى ياخشىلاش، ئاشقازاننىڭ ھەزم قىلىشىنى ياخشىلاش، خىلىتنى ياخشىلاپ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرۇش، قاننى سوۋۇتۇپ جىگەرنى سىلىقلاش رولى بار، دەپ قارىلىدۇ.

ئوزۇقشۇناسلىق ئانالىزىدىن قارىغاندا، شوخلىنىڭ تەركىبىدە خېلى زور بىر تۈركۈم ۋىتامىن س ۋە ۋىتامىن ئا بار بولغاندىن باشقا يەنە زور مىقتاردا لىكوپېن بار ئىكەن.

شوخلىنى خام يېگەندە زور مىقتاردا ۋىتامىن س تولۇقلىغىلى بولىدۇ، ئەگەر پىشۇرۇپ يېگەندە ماينىڭ ياردىمى بىلەن ۋىتامىن ئا ۋە لىكوپېن ناھايىتى ياخشى سۈمۈرۈلىدۇ، ئادەم بەدىنىگە ئوخشاشلا پايدىسى بار.

8. ئالقات

ئالقاتنىڭ جىگەرنى ساغلاملاشتۇرۇپ ئۇرۇقنى ياخشىلاش رولى بار، ئالقاتنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك قەنت، ئاقسىل ۋە فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار بار. ئالقات جىگەر ھۈجەيرىلىرىنى قوغداپ، جىگەر ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، ئاستا خارەكتېرلىك جىگەر ياللۇغىنى داۋالاشتا مەلۇم ئۈنۈمى بار.

ئالقاتنى چىلان، گۈرۈچ بىلەن بىللە پىشۇرۇپ يېگەندە، جىگەرنى ياخشىلاپ، ئاشقازاننى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار.


مەنبە: خەلق تورى




ئەسلى مەنبەسى: uyghur.people.com.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز