شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ كولورادو ئىشتاتىدىكى پىگمېنتلىق كۆرۈش تور پەردىسى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىر ئايالغا تۈنۈگۈن سۈنئىي قارىچۇق ئوڭۇشلۇق كۆچۈرۈلگەن. بۇ سۈنئىي قارىچۇقنىڭ ئىچىدە مىكرو ئۆزەك ۋە كىچىك تىپتىكى كامېرا بار بولۇپ، كامېرا شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىكى ئەھۋاللارنى خاتىرىلەپ، ئۇنى ئۆزەككە يەتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، ئۆزەك بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، نېرۋىلارنى غىدىقلاش ۋە كۆرۈش ئۇچۇرىنى چوڭ مېڭىگە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئاغرىققا يوليورۇق ئاتا قىلىدىكەن.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى