تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
نىكاھ تۇرمۇشىدا خەتىرى 3-شەخسىتىمۇ زور ئىشلار

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:

كۆپىنچە كىشى ئەر-خوتۇننىڭ تالاغا قاراپ قېلىشى نىكاھنىڭ بۇزۇلۇشتىكى تۈپ ئامىل دەپ قارايدۇ، لېكىن نىكاھنى بۇزىدىغان بۇنىڭدىنمۇ قورقۇنچلىق ئامىللار مەۋجۇت.

1. بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولماسلىق. نىكاھ تۇرمۇشىدا ئەر-خوتۇننىڭ بىر بىرىگە بولغان ئىشەنچىسى، مەسئۇلىيەتچانلىقى ئىنتايىن مۇھىم. ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى بىخەتەر ھېس قىلماي، بىر-بىرىگە ئىشەنمىسە، ئۇنداقتا بۇ نىكاھ تۇرمۇشنىڭ ئۇزۇن داۋاملىشىشى ناتايىن.

2. تايىنىش، ئاجىزلىق. ئاتا-ئانىسى ھەممىلا ئىشنى قىلىپ كۆندۈرۈپ قويغان بالا چوڭ بولغاندا باشقىلارغا تايىنىۋالىدۇ، بىر ئىشنى مۇستەقىل قول سېلىپ قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. نىكاھ تۇرمۇشى ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ تەڭ كۈچ چىقىرىش ئاساستا مۇكەممەللىشىدۇ، شۇڭا ئەر خوتۇننىڭ خالىغان بىرىدە تايىنىش خاھىشى بىرقەدەر كۈچلۈك بولسا، قارشى تەرەپتە بىزارلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بۇ خىل كەيپىيات كۈچىيىپ نىكاھ بۇزۇلىدۇ.

3. مۇھەببەت ئاساسى ئاجىز بولۇش. بۇمۇ نىكاھنىڭ بۇزۇلۇشىغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئەر-خوتۇنلار ھەر ۋاقىت سىردىشىشى، مۇھەببەت ئاساسىنى پۇختىلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. 

4.ئۆزىنى كەمسىتىش. قىسمەن كىشىلەر ھەرقانداق ئىشتا ئۆزىگە ئىشەنمەيدۇ كەمسىتىدۇ. بۇنداق ئادەم تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىن ئەر-خوتۇن مۇناسىۋىتىگە كۆپ ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرىدۇ. مەسىلەن: قارشى تەرەپنىڭ ھەر قانداق گېپىنى ئۆزىنى ئەيىبلەۋاتقاندەك ھېس قىلىپ جېدەللىشىش قاتارلىقلار.

5. ياخشىچاق بولۇش. كىچىكىدىن باشقىلارغا ياخشىچاق بولۇشقا ئادەتلەنگەن ئادەم توي قىلغاندىن كېيىنمۇ بۇ ئادىتىنى ئۆزگەرتەلمىگەچكە، خوتۇنى ياكى ئېرى، قېينئاتا، قېينئانىسىغا ياخشىچاق بولۇشنى ئويلاپ، بىرەر ئىشنى ھەقىقى چىن يۈرىكىدىن قىلىشنى خالىمايدۇ، بۇ كېيىنچە ئىككى تەرەپنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ، نىكاھ مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش. دۇنيادا ھەرقانداق ئىش ۋە نەرسە مۇكەممەل بولمايدۇ. بىراق قىسمەن كىشىلەر دەل مۇشۇ مۇمكىن بولمايدىغان مۇكەممەللىكنى قوغلىشىپ، قارشى تەرەپكە ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىپ ھاردۇرۇپ قويىدۇ.

7. ئۆزىگە زىيادە ئىشىنىش. بۇنداق كىشىلەر ناھايىتى مەنمەنچى بولۇپ، باشقىلاردا بىزارلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. ئائىلىدىمۇ مۇشۇنداق بولغاچقا، ئەر-خوتۇن ئارىسىدا سەسكىنىش كەيپىياتنى شەكىللەندۈرىدۇ. 


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز