تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
خوتەن كىشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى


   مىزاجى: ئەسلى زەرەپشان، خوتەن، قاراقاش، چىرا دەريالىرىنىڭ ئېقىن مىقدارى زور بولۇپ، بۈگۈنكى ئەندىز، تەۋەككۈل، مازار تاغ، توڭگۇز باسىت....قاتارلىق«ياقا يۇرت» لار خېلى بۇرۇنلا ئىنسانلار پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان جايلار ئىدى. خوتەن ئوتلاق چارۋىچىلىقىنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، ئورمانلار قويۇق بولغان دەۋرىلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. يېقىنقى زاماندا ئىنسانلار پائالىيەت ئېلىپ پائالىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشى، ئانا دەريا-تارىمنىڭ قۇرۇپ مېڭىشى نەتىجىسىدە خوتەن تۇپرىقى ۋ ھاۋاسىنىڭ نەملىك دەرىجىسى تۆۋەنلىدى. شۇڭا، ھازىرقى خوتەن كىشىلىرىنىڭ مىزاجى ئىلگىركى كىشىلەرنىڭكىگە قارىغاندا قۇرغاقراق.

   خىلىتى: مىزاج ئۆزگىرىشى مەلۇم سانغا يەتكەندە بەدەندە سۈپەت ئۆزگىرىشكە ئايلىنىدۇ. خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ بەدەن ساپاسى، مىزاج-خۇلقى، بوي-تۇرقى، پىكىر قىلىش ئۇسۇلىغا ئاساسلانغاندا، خوتەنلىكلەرنىڭ خىلىت تەركىبى: سەۋدا، بەلغەم، سەپرا، قان. 

   چىراي-شەكلى: خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئاق پىشماق، ھال تەنلىك بولۇپ، يۇمىلاق باش، ئوتتۇرا بوي، بۇرنى ئىنچىكە لىكىن ئېگىز، يۇزى سۇقۇچاقراق، چاچلىرى قارا ياكى قارامتۇل، دولقۇنسىمان، ساقال-بۇرۇتلار قويۇق قاراقاش، قوي كۆز، قاش-كىرپىكلىرى تولۇق، تەبەسسۇم چىراي كېلىدۇ.

   كىيىنىشى: خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئىلگىرى كەڭرەك ۋە ئۇزۇنراق كىيىملەرنى كىيىشنى ياخشى كۆرگەن، مىللىي كىيىملەردىن دوپپا، تامبال، تاقلىق كۆڭلەك، ياقىسىز چاپان قاتارلىقلارنى كۆپرەك كىيىدۇ. گۈزەللىككە ئىنتىلىشى ئالاھىدە كۈچلۈك بولۇپ، ئەگەر شارائىتى يار بەرسە، ئېسىل كىيىملەرنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىشكە ماھىر.

   يېمەك-ئىچمىكى: خوتەن ئۇيغۇرلىرى تەبىئىي يېمەك-ئېچمەكلەرگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. تاماقنىڭ تەمى، تەبىئىيىتى ۋە مەنپەئەتىنى مەقسەتلىك باھالاپ، ھەر كىم مىزاجىىغا، ئەھۋالىغا قاراپ رېئال قاراش ئاساسىدا تەييارلايدۇ. بۇ سەۋدا خىلىتلىق كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئېچمەككە بولغان تىپىك قارىشى. خوتەندە يېتىشتۈرۈلگەن زىرائەت ۋە مېۋە-چىۋىلەردە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، مىكرو ئېلىمىنىت ۋە قەنت ماددىسى يۇقىرى، ھەزىم بولۇشى تېز، مەنپەئەتى زور بولىدۇ. خوتەندە بۇغداي، كۈنجۇت، قوناق، چامغۇر، سەۋزە قاتارلىق ئەنئەنىۋىي زىرائەت ۋە كۆكتاتلار كۆپ يىتىشتۈرۈلىدۇ. مېۋىلەردىن ئۈزۈم، ئۆرۈك، ئۈجمە، ئەينۇلا، شاپتۇل، ئالما، ياڭاق قاتارلىقلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى. 

   ئاساسلىق يېمەك-ئېچمەكلەردىن غورا ئاش، لەغمەن، گۆشگىردە، سامساق، تاۋا كاۋاپ، پولۇ، تونۇر كاۋاپى، چامغۇر ئۇمىچىنان، زاغرا نان ھەرخىل گۇلقەنىت، مۇسەللەس قاتارلىقلار بار. يېمەك-ئېچمەكتە يۇقىرىقىدەك تەبىئىي ئوزۇقلۇقلار ئاساس قىلىنغان ھەمدە ھاۋا مۇھىتى نىسبەتەن ساپ بولغاچقا، خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۈزۈن ئۆمۇر كۆرگۈچىلەر نىسبەتەن كۆپ.

   تىل ئالاھىدىلىكى: خوتەن ئۇيغۇرلىرى«ر» ھەرپنى ئېغىر تەلەپپۇز قىلىدۇ، «ي» ۋە «غ» ھەرپنى كۆپ ئىشلىتىدۇ، كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەردىن ئەدەسسىز، ھۆددەس، مالىتىلىماق، بايىلى، ھەي ياقەي، بېرىغلىخ، ئېتگلىگ، گۇمان قىلدىم قاتارلىقلار. خوتەن ئۇيغۇرلىرى ناھايىتى ئوبرازلىق سۆزلەيدۇ، ۋەقە ياكى مەسىلىنى بايان قىلغاندا بىر، ئىككى ئوخشىتىش سۆزى ئىشلىتىدۇ، سۆزلىگەندە قولىنى شىلتىپ ياكى قول ھەرىكىتى بىلەن سۆزلەشنى ياقتۇرمايدۇ. 


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز