شالۋاقنى ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئۈچ شالۋاق بېزى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ . شالۋاقنىڭ يىمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش ، مىكروب ئۆلتۈرۈشتەك روللىرى بار . لىكىن بوۋاقلارنىڭ مىڭىسى تولۇق يىتىلىپ بولالمىغاچقا ، شالۋىقىنى كونتىرول قىلىشى ئاجىز بولىدۇ ۋە ئېغىز بوشلۇقىنىڭ سىغىمچانلىقى كىچىك ، يۇتۇش ، تەڭشەش رولى ناچار بولغانلىقتىن ئاغزىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋىىتپ قالىدۇ . ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بۇ خىل ئەھۋال ئۆزلىكىدىن يوقاپ كېتىدۇ . بىراق سۈت چىشى چىقىدىغان چاغدا ، شالۋاق بېزى غىدىقلانغانلىقتىن ، شالۋاق ئاجرىتىپ چىقىرىش مىقدارى ۋاقىتلىق ئاشىدۇ . بۇلارنىڭ ھەممىسى نۇرمال ئەھۋال . لىكىن بەزى كېسەللىكلەر ، مەسىلەن ؛ ھەر خىل سەۋەبلەردىن بولغان ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى ، تىل ياللۇغى ، يۇتقۇنچاق ياللۇغى قالقانبەز ياللۇغى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولغاندىمۇ شالۋاق ئاقىدۇ . كېسەل ساقايغاندىن كىيىن شالۋاقمۇ ئۆزلىكىدىن توختايدۇ . ئۇزاق مۇددەت شالۋاق ئېقىش بولسا مىڭە كىسەللىكلىرى ، مەسىلەن ؛ مىڭە سېستىمىسى تۇغما تەرەققىي قىلمىغان ، مىڭە ياللۇغى ياكى مىڭە پەردە ياللۇغى قاتارلىقلارنىڭ بىشارىتىدۇر .
ئۇزاق مەزگىللىك شالى ئىقىش ئىككى جاۋغاينى شەلۋەرلىتىدىغان بولغاچقا ، ئېڭەك كۆپىنچە ھۆل ھالەتتە تۇرغاچقا ، تېرىنى قىزارتىپ ھۆل تەمرەتكە ياكى يۈز تېرىسى شەلۋەرەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم باكتىرىيە بىلەن يۇقۇملىنىشنى تىزلىتىۋىتىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن شۇ جايلارنىڭ قۇرغاق تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ، دائىم مايلاپ تۇرۇش كېرەك.
مەنبە؛ بالىلار تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىق