مۇھەببەت ھاجايىپ قۇدرەتلىك بىر كۈچ، بىراق ئۇ سىزنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىڭىزگگ ماسلىشىپ كېتەلمەيدۇ. قىزلار باشقىلار ئۈچۈن ئۆز بەختىنى قۇربان قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى كېرەك.
1. غايىسىدىن ۋاز كېچىش. ھەقىقىي مۇھەببەت قىزلارنى يىگىتى بىلەن بىرەر غايىنى تاللاشقا مەجبۇر قىلمايدۇ. ھەر قانداق بىر قىز يىگىتى ئۈچۈن مەڭگۈ ئۆز غايىسىدىن ۋاز كەچمەسلىكى كېرەك.
2. ئۆز ئەقىدىسىنى ئۆزگەرتىش. يىگىت بولغۇچى لايىقىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. لايىقىنى ياخشى كۆرگەن يىگىت ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنمايدۇ.
3. ئۇنىڭ ئۈچۈن تاشقى قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش. ئۇ ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈنلا، تاشقى قىياپىتىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇنىڭ سىزنىڭ كىيىنىشىڭىز، يۈرۈش-تۇرۇشىڭىزنى ئۆزگەرتمەكچى بولغىنى سىزنى ھەقىقىي سۆيمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ سىزنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكىڭىزىدىن زوقلانمىسا، ئۇ سىزنىڭ ياخشى كۆرۈشىڭىزگە ئەرزىمەيدۇ.
4. يېقىن دوستلىرى بىلەن ئۇچىرىشىش ۋاقتىنى قۇربان قىلىش. ئەركىن ۋاقىتلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى يىگىتىڭىزگە ئاتىۋەتمەسلىكىڭىز كېرەك. ئائىلىڭىز ۋە دوست-بۇرادەرلىرىڭىزمۇ كەلگۈسىدە سىزگە ئەسقاتىدىغانلاردۇر، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا سەل قارىماسلىقىڭىز كېرەك.
5. ساختا قىياپەتكە كىرىۋېلىش. ئۇنىڭغا ياخشىچاق بولۇۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋالماڭ.
6. ئۆزىنى ئاچ قويۇش. ساغلاملىقتىن مۇھىم نەرسە يوق. ئورۇقلىسىڭىز بولىدۇ، بىراق ئۆزىڭىز ئۈچۈن بولسۇن، ھەرگىزمۇ يىگىتىڭىزنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن بولمىسۇن.
7. باشقىلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۇچراش. ئۇ تۇرمۇشىڭىزنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىۋالسا بولمايدۇ. تۇرمۇشىڭىزنىڭ ھەقىقىي ھۆكۈمدارى ئۆزىڭىز.