360 نىڭ باش لىدىرى جۇۋ خۇڭيى (周鸿祎) نىڭ مىكرو بىلوگىدا ئېيتىشىچە، چىكۇ (奇酷) يان تېلېفونىنى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن باشلاپ، كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويىدىكەن، 3 شياۋمى تېلېفونىنى 1 چىكۇ تېلېفونىغا ئالماشتۇرغىلى بولىدىكەن، لېكىن ئالماشتۇرىدىغان تېلېفون تىپى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تېخى ئاشكارىلىمىغان.
جۇۋ خۇڭيى ئەپەندى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈچ خىل تىپتىكى چىكۇ يان تېلېفونىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، سېتىلىش باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1199 يۈەن، 1999 يۈەن ۋە 3599 يۈەن.