تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
QQدىمۇ ھەقىقىي مۇھەببەت بولامدۇ؟

 

بۇ ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن ئىش ، تورداشلارنىڭ سەمىمىي پىكىرىنى ئاڭلاپ باقماقچىمەن....
مەن ئېچكېرى ئۆلكىدە ئوقۇۋاتقىلى بىر يىلچە بوپ قالدى،نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىم چوڭقۇر مۇھەببەت قايناملىرىغا چۆكۈشكە باشلىدى.... نىمىشقىكىن ماڭا ھىچ بىر زىتىمغا ياققۇدەك بىرەر يىگىت ئۇچرىمايۋاتاتتى....
بۇ مەۋسۈمنىڭ بېشىدا مەكتەپكە كەلگۈچە پويىزدا ئۆزۈمدىن 5ياش چوڭ <ئاكاش>قا ئاشىق بولدۇم.ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقان ۋاقتىم ئاران پويىزدىكى ئۈچ كۈن بولسىمۇ ....بىلمىدىم نېمىشقا ئۇنى ياخشى كۆرۇپ قالغانىدىم...ئۇمۇ ئوقۇغۇچى بولۇپ باشقا بىرشەھەر دە ئوقۇيتى ...پويىزدىن چۈشكەن چاغدا ئۇ مېنى چاقىرىپ QQنۇمۇرۇمنى يېزىۋالدى.
بىز مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىنمۇ ئالاقىلاشتۇق....ئۇ مېنى سىڭلىم دەيتى،مەن ئۇنى ئېزچىل مېنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلاپ كەلگەن ئىدىم،ئەپسۇس ،ئۇ مەن بىلەن بىللە كەلگەن يېقىن دوستۇمنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ چىقتى....ھەي، ئەمدى قانداق قىلاي؟! ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ بولدى كىلىشنى لايىق تاپتىم....مېنى قىلچە ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ يۈرۈشكە ۋىجدانىم يول قويمىدى!
شۇنداق بىركۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن توردا بېيجىڭ مىدىتسىنا ئونۋىرسىتىدا ئوقۇيدىغان بىر ئاق كۆڭۈل بالا بىلەن تونۇشۇپ قالدىم.... كۆڭلۈم يېرىم بولغاچقىمۇ ھەممە دەردىم ئۇنىڭغا تۆكتۈم....ئۇمۇ سەۋىرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ بەردى...شۇنداق قىلىپ بىز دوست بولۇپ قالدۇق!ئۇ ماڭا <ئاكاش>نىڭ سايىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشىمغا ياردەم بەردى....شۇ جەرياندا مەن ئۇنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم....ئادەم دىگەن شۇ ! ئەڭ ئاجىز ۋاقتىدا ياردەم بەرگەن ئادەمنى تېزلا ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ ....
مەن قورقاتتىم ، ئۇنىڭمۇ مېنى ياخشى كۆرمەي ئالىقانداق سىڭىل ئورنىدا كۆرۈشىدىن قورقاتتم....تۇيۇقسىز بىر كۈنى ئۇ ماڭا ئارلىشىش تەلىپىنى قويدى،خوشاللىقىمدا بىركېچە ئۇخلىماي چىقتىم....شۇنداق قىلىپ بىز ئارلاشتۇق ! ھازىرمۇ ئارلىشىۋاتىمىز...ئۇ كۈندە ماڭا تېلفۇن قىلىدۇ،دەرىسىمنى ياخشى ئۆگىنىش توغرىسىدا قايتا-قايتا تەربىيە قىلىدۇ !كۆڭلۈم يېرىم بولسا تەسەللى بېرىدۇ!نامازنى تاشلىماسلىقنى قۇلقۇمغا پۈكۈپ تۇرىدۇ !لېكىن ئۇ تا ھازىرغىچە مېنى ياخشى كۆرۈمەن دەپ باقمىدى،ۋەبىرەر كەلگۈسىمىز توغۇرلۇق ۋەدىمۇ بېرىپ باقمىدى....لېكىن ئۇ ماڭا بەكلا كۆڭۈل بۆلىدۇ....ئۇنىڭ دائىم دەيدىغان بىر ئېغىز گىپى:ئاللا بەختىمىز نى بەرسۇن !
مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈمەن ھەم مېنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلايمەن .... ئۇ بەش ۋاق ناماز ئوقۇيدىغان ئاللانىڭ مۆمىن بەندىسى... ئۇ ئاغزىغا ئاللانى ئېلىپ گەپ قىلغاندىكىن مەن نىمىمۇ دىيەلەيتىم.....لېكىن يەنە بىر تۇرۇپ تەشۋىشلىنىپ قالىمەن،بىر ئېغىز ياخشى كۆرىمەن دىيەلمىگەن ئادەمدىن ئۈمۈت كۈتۈپ نىمىمۇ قىلاي دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن.....مەن بىلمىدىم....ئۇ راست مېنى ياخشى كۆرەمدىغاندۇ ؟
لېكىن مەن شۇنى كىسىپ ئېيتالايمەنكى، مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈمەن ....

ئېيتىڭلارچۇ تورداشلارQQدا تونۇشقانلار دىمۇ ھەقىقىي مۇھەببەت بولامدۇ ؟

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز