سىز بالا تۇغۇشنى كىشىنى قورقىتىدىغان ئىش دەپ قارامسىز؟ شەرقىي فىنلاندىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە ھامىلدار ئايالنىڭ بالا تۇغۇشقا بولغان قورقۇشى تۇغۇتتىن كېيىن ئەسەبىيلىشىش كېسىلى بولۇپ قېلىش خەۋپىنى ئاشۇرىۋىتىدىكەن. تەخمىنەن %60 ئايال بالا تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن تۇغۇتتىن كېيىنكى ئەسەبىيلىشىش كېسىلىنىڭ ئازابىنى تارتىپ تەشۋىشلىنىدىغان، بىئارام بولۇپ كۆپ يىغلايدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئانا بولۇش ئالدىكى ئاياللارغا ھامىلدار مەزگىلىدە كەيپىياتنى تەڭشەش تەكلىپى بېرىمىز، ئەگەر دائىم تۇغۇتقا نىسبەتەن قورقۇش پەيدا بولسا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ياكى دوختۇرنىڭ ياردىمىنى تەلەپ قىلىش كېرەك.