ساختا تىرناق سالدۇرۇش: كۈلرەڭ تىرناقنى داۋالاتقاندا، ئاۋۋال تىرناقنىڭ بىر قەۋەت پوستىنى ئېلىۋېتىپ، شىلىم قاتارلىقلار بىلەن يېڭى تىرناق چاپلايدۇ، بۇنداق بولغاندا تىرناقنىڭ باكتېرىيەگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قان تومۇر ياللۇغى: بىر قىسىم خانىم -قىزلار تىرنىقىنى ياسىتىپ بولغاندىن كېيىن بەزى يارا ئىزى قېلىپ قالىدۇ، بۇ قان تومۇر ياللۇغى بولۇپ، ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك.
پارونىخىيە: تىرناق ئەتراپىدىكى كىچىك تىرناق پارچىلىرى چىقىپ قالغاندا، قول يۇيۇش ئارقىلىق بۇ يەر ياللۇغلىنىپ، پارونىخىيەنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋاقتىدا داۋالاتمىغاندا ياللۇغ لىمغا تومۇرىنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
جىگەر ياللۇغى: تىرناق ياساتقاندا تازىلىققا دىققەت قىلمىغاندا جىگەر ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سۈت بېزى راكى ياكى بويىدىن ئاجراپ كېتىش : تىرناققا دائىم لاك سۈرگەندە، چىرايلىق كۆرۈنگەندەك قىلسىمۇ، تەركىبىدە زەھەرلىك ماددىلار بار. ياز پەسلىدە كۆپ ئىشلەتكەندە، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا لاك تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلار ئېرىپ، ئېغىز ئارقىلىق بەدەنگە تارقىلىپ بەدەنگە تارقىلىپ ئاستا خاراكتېرلىك زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا سۈت بېزى راكى ياكى بويىدىن ئاجراپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-03/09/content_507739.htm