زەنجىۋىل گەرچە باشقا كۆكتاتلاردەك كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە مېنېرال ماددىغا ئىگە بولمىسىمۇ لېكىن ئۇ ئالاھىدە ئاچچىق ھەم مەززىلىك پۇراققا ئىگە بولۇپ، ئېزىپ ئاچچىق تەم تەڭشىگۈچ قىلىشقا بولىدۇ.
زەنجىۋىلنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى: زەنجىۋىل شورپىسى ئىچسە تەرلىتىپ بەدەن تېمپېراتۇرسىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. يەنە كېلىپ زەنجىۋىلنىڭ ياللۇغ قايتۇرۇش، بەلغەم بوشىتىش، زۇكام ۋە باش ئاغرىقىنى داۋالاش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى. ئادەم بەدىنى نۇرمال ماددا ئالمىشىش ئېلىپ بارغاندا بىر خىل زەھەرلىك ماددا ئەركىن رادىكالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، زەنجىۋىل ئىستېمال قىلسا، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ياشانغانلار زەنجىۋىل ئىستېمال قىلسا، قېرىلىق داغنى يوقىتىدۇ. زەنجىۋىلنىڭ زەھەر قايتۇرۇش، مىكروب ئۆلتۈرۈش رولى بار. ئېغىزى تەمسىز بولۇپ، تامىقى ئازلاپ كەتكەن چاغلارد ئازراق زەنجىۋىل ئىستېمال قىلىۋەتسە ياكى تاماققا زەنجىۋىل قېتىۋەتسە ئىشتىھانى ئاچىدۇ. بېلىق پىشۇرغاندا ياكى قورۇغاندا زەنجىۋىل بىلەن تەمنى تەڭشىسە، ئۈنۈملۈك ھالدا بېلىق پۇرىقىنى يوقىتىدۇ ۋە مىكروب ئۆلتۈرىدۇ.
زەنجىۋىل ئىستېمال قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار: بۇزۇلغان، توڭلاپ قالغان زەنجىۋىلنى يېمەسلىك كېرەك. چۈنكى سۈپىتى ئۆزگەرگەن زەنجىۋىل راك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە سىرتىدا يېرىق يوق، قاردىمىغان، رەڭگى نۇرلۇق ئېلاستىكىلىق، توم ھالەتتىكى يېڭىسىنى تاللاش كېرەك. زەنجىۋىلنىڭ پوستى نۇرغۇن ئوزۇقلۇق تەركىبىگە ئىگە. شۇڭا ئىستېمال قىلغاندا پوستىنى بەك قېلىن ئاقلىۋەتمەسلىكى كېرەك.
زەنجىۋىل تەركىبلىك رېتسىپلار:
ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى: قىزىق زەنجىۋىل سۈيىنى كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن ئۈچ قېتىمغىچە ئېغىزىنى چايقاپ، 2_ 3 كۈن داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە، ساقىيىپ كېتىدۇ.
كېكىردەك ئىششىقى: ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە قىزىق زەنجىۋىل سۈيىگە ئازراق تۇز ۋە چاي سېلىپ، كۈنىگە ئىككى_ ئۈچ قېتىم، جەمئى توققۇز قېتىم ئەتراپىدا ئېغىزنى چايقاپ بەرسە ئىششىق قايتۇرىدۇ.
نېرۋا ئاجىزلىق: ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئاچ قورساق ھالدا بىر چىنە قىزىق زەنجىۋىل سۈيى ئىچىشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىقىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
پۇت پۇراش: زەنجىۋىل سۈيىگە تۇز ۋە ئاچچىقسۇ سېلىپ پۇتىنى چىلاپ ۋە يۇيۇپ بولۇپ، پاكىز سۈرتۈۋېتىپ، ئۇۋۇلاپ بەرسە، پۇتتىكى غەيرى پۇراقنى يوقىتىدۇ.
يۇقىرى قان بېسىم: قان بېسىم ئۆرلىگەن چاغدا، قىززىقراق زەنجىۋىل سۈيىگە پۇتىنى 15 مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ بەرسە، قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
قان تومۇر قېتىشىش: ھەر كۈنى ئەتىگەن، كەچتە زەنجىۋىل سۈيى بىلەن ئاغزىنى چايقاپ بەرسە، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر ئىستىكان زەنجىۋىل سۈيى ئىچىپ بەرسە، قان تومۇرلارنىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان تومۇر قېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
باھ ئاجىزلىقى: كۈندۈز، زەنجىۋىل، ناۋات قاتارلىق دورىلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سوقۇپ تۇخۇم سېرىقىغا ئارلاشتۇرۇپ يېسە باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
ئاشقازان زەئىپلىكى: خولىنجان، زەنجىۋىل، پىستە پوستى قاتارلىقلارىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ، سۇفۇپ قىلىپ ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ.