مايمۇن شاپتۇلى: بۇ مېۋىدە ۋىتامىن C ئىنتايىن مول، ۋىتامىن C ئەركىن رادىكالغا قارشى تۇرىدۇ؛ ئادەم بەدىنىدىكى نىترىتئامىن راكنى پەيدا قىلىدۇ، مايمۇن شاپتۇلى نىترىتئامىننى تازىلايدۇ.
ئۈزۈم: ئۈزۈم ساغلام ھۈجەيرىنىڭ راك ھۈجەيرىسىگە ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، راك ھۈجەيرىسىنىڭ تارقىلىشىنى توسىدۇ.
بۆلجۈرگەن: بۆلجۈرگەندىكى تاننىك كىسلاتا بەدەندە زەھەرگە قارشى تۇرۇپ، راك ھۈجەيرىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى توسىدۇ؛ بۆلجۈرگەندىكى ئامىن ئاق قان كېسىلى ۋە قان ئازلىق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشكەن ۋە بۆرىكى زەئىپلەشكەنلەر بۆلجۈرگەننى كۆپ يېگىنى ياخشى.
بانان: باناندا يېمەكلىك تالاسى ۋە مېۋە يېلىمى مول، شۇڭا بانان توغرا ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يەنە باناندىكى ئاقسىل بەدەندە راكقا قارشى ئىممۇنىتېت كۈچىنى زورايتىدۇ.
ئۆرۈك: ئۆرۈكتە ۋىتامىن B1 مول، ئۇ راكقا قارشى تۇرۇپ، راك ھۈجەيرىسىنى ئۆلتۈرىدۇ.
»ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى