بۇ يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپتە ياكى مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتتە كۈتۈلمىگەن ھادىسىگە ئۇچرىسا، مەكتەپ تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ بەلگىلىك تۆلەمگە ئېرىشەلەيدۇ، تۆلەمنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى 200 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى ئوقۇش يىلى باشلانغاندىن باشلاپ، مەكتەپ تەرەپنىڭ سەۋەنلىكىسىز جاۋابكارلىق مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىكەن، مەزكۇر سۇغۇرتا مەكتەپ تەرەپنىڭ جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىنىڭ قوشۇمچە شەرتى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئىككى خىل سۇغۇرتىنىڭ دائىرىسى ۋە ئوبيېكتى بىردەك بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مائارىپ مەمۇرىيىتى تەستىقلىغان پۈتۈن كۈنلۈك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر، ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرى، يەسلى ۋە ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپ ئورگىنى، پۇقرالار ئاچقان مەكتەپ قاتارلىقلاردا يولغا قويۇلىدىكەن.
مەكتەپ تەرەپنىڭ سەۋەنلىكىسىز جاۋابكارلىق مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى بىلەن مەكتەپ جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا تەڭلا قاتنىشىپ، بىر ۋاقىتتا تالون كېسىدىكەن. سۇغۇرتا ھەققى مەكتەپ جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىغا ئوخشاش، بىر ئوقۇش يىلىدا ھەر بىر ئوقۇغۇچى 5 يۈەن. ئىككى خىل سۇغۇرتىغا قاتناشقاندا يىلىغا ھەر بىر ئوقۇغۇچى 10 يۈەن. سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇش مەكتەپ جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسى بىلەن ئوخشاش، مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر، ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرى، يەسلى، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار قوش تىل ئورگانلىرىدا سۇغۇرتا ھەققى مەكتەپ مالىيەسىدىن ئاجرىتىلىدۇ. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر، پۇقرالار ئاچقان مەكتەپ قاتارلىقلاردا سۇغۇرتا ھەققى ئوقۇش پۇلىدىن يىغىلىدۇ(ئايرىم يىغىلمايدۇ)