مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «زىققا كېسىلى قوزغىلىشتىن بۇرۇن ئادەمدە چۈشكۈرۈش، بۇرنى ئېقىش، كۆزىدىن ياش ئېقىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ بۇرۇن بوشلۇقى ۋە كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردىسى يۇقۇملانغانلىقنىڭ ئىپادىسى. بەزى كىشىلەر يۆتىلىدۇ، كانىيى قىمشىيدۇ، بۇلار دەسلەپكى ئالامەتلەر ھېسابلىنىدۇ؛ دەسلەپكى ئالامەتتىن زىققىنىڭ قوزغىلىشىغىچە بولغان ئارىلىقتا ۋاقىت كۆزنىكى بولىدۇ، چەت ئەللىكلەرنىڭ نەزىرىدە بۇ ئارىلىق بەش كۈن ئەتراپىدا، جۇڭگودا ئۈچ كۈن بولىدۇ، چۈنكى جۇڭگولۇقلار ئادەتتە كىچىك ئاغرىقلارغا پەرۋا قىلمايدۇ».
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «ئاتا-ئانىلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، بالىلارنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارى ئاجىز، شۇڭا بالىلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەندە نۇرغۇن كىلىنىكىلىق ئالامەتنى بايقىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: بالىلاردا ھەر قېتىم زۇكامدىن كېيىن ئۇزاق مەزگىللىك يۆتىلىش كۆرۈلىدۇ، ھەتتا كېچىدە خىرىلداپ قالىدۇ ياكى بەزى بالىلاردا ھەرىكەتتىن كېيىن مەيدە چىڭقىلىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئۈچ قېتىمدىن كۆپ تەكرارلانسا، بالىلارنىڭ زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى كۈچەيگەن بولىدۇ».
مەنبەسى: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى