مۇھەممەتئىمىن توختىنىياز (سۈزۈك)
شائىر مۇھەممەتئىمىن توختىنىياز (سۈزۈك) (1920 – 1992) يەكەندە ياشاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ ‹‹يادىكار››، ‹‹ئىلھام چېچەكلىرى››، ‹‹ۋەتەن قەدرى›› (باشقىلار بىلەن بىللە) قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى نەشر قىلىنغان.ۋەتەن قەدرى ئۇلۇغ شۇنچە بايان ئەيلەپ ئادا بولماس،
ۋەتەن قەدرىگە كىم يەتسە ئاشار قەدرى، تباھبولماس.
ۋەتەن قەدرى ئېزىزلانسا تاپار ئىززەت ۋەتەنداشلار،
ۋەتەننى كىمكى خار ئەتسە ئۆزى غەمدىن جۇدا بولماس.
كەچۈرسە كىمكى ئۆمرىنى ۋەتەن دەپ تەردە – مېھنەتتە،
ئېچىلغاي ئەجرىدىن گۈللەر جاھاندا بىناۋا بولماس.
ۋەتەن، خەلقىگە كىم قىلسا خىيانەت قۇرۇسۇن نەسلى،
ئىنىغا ھۈرسە گەر تۈلكە قوتۇر بولغاي، داۋا بولماس.
كىشىكىم ياقمىسا دىلغا ۋەتەن مېھرى بىلەن مەشئەل،
قالۇر قەلبى قاراڭغۇدا، ئاڭا ھېچبىر زىيا بولماس.
ۋەتەننىڭ چېھرىدىن ھەركىم ئۇرۇق سالمايدىكەن دىلغا،
بۇ دىلنى قاغجىراق چۆل بىل، ئۇنىڭدا ھېچ گىياھ بولماس.
كىشى قەلبىدە گەر يوقتۇر ۋەتەن سۆيگۈسىدىن زەررە،
ئۇنى ئىنسان قاتارىدا ساناش ئەسلا راۋا بولماس.
سۈزۈك تۇرساڭ بۇلاق ئوخشاش تەشنا – زارغا ھەم ئورتاق،
نېچۈك جان سەن ۋەتەن قەدرىن ئاشۇرماققا پىدا بولماس؟
1983 – يىلى، يەكەن
تباھ خاراب، ناچار، تۆۋەن مەنىسىدە