مۇتىللا ئەبەد قىرانى
بارمىقىم يەتمىگەچ ساناقلىرىغا
قىرىق تال چىشىنى سانىيالمىدىم.
مومامنىڭ تارغىقى ئېغىر بەك ئېغىر
ئۇنىڭدا چېچىنى تارىيالمىدىم.
چاچلىرىڭنى تارىدىم
ئۆرۈپ قويدۇم قىرىق تال قىلىپ.
ئەينەكتىكى ئوماقلىقىڭنى
كۆزلىرىمدە ئەركىلىتىپ.
تارغاقنىڭ سۇنغان چىشى
چېچىڭنىڭ قاتتىقلىقىنى سۆزلىمەكتە.
قولۇمنىڭ تىترىشى
قىزىمنىڭ كۆز يېشىنى بەزلىمەكتە.
كەچۈرۈشنىڭ قىيىنلىقى
چېچىڭنىڭ چىگىكىدەك قەلبىمنى ئەزمەكتە.
چاچلىرىڭنى تارىدىم
بارمىقىڭنىڭ ئىزىدا تۇيغۇمنى باغلاپ.
كەچۈر، كەچۈر دەيتتىم
تارغىقىڭنىڭ غېرىبلىقىنى ۋاراقلاپ.
ئانامنىڭ تارغىقى
يۈرىكىمدە ئۈنەتتى قارىغايسىمان.
يىقىلاتتى ئاراچلىرىغا
ئۇنى يىتتۈرگەن ئۆيۈمدىكى ئاسمان.