مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىلىق بىر ئالىم 20 نەچچە دۆلەتكە بېرىپ، ئىرقى، ھەرخىل ئىقتىسادىي شارائىتى ئوخشاش بولمىغان 10 مىڭ بالا ئۈستىدە چوڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بالىلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى ۋە ئائىلە كەيپىياتىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلگەن. بۇ ئالىم ھەرقايسى ئەللەردىكى بالىلارنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئائىلىسىدىن كۈتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئۈمىدىنى تۆۋەندىكىچە خۇلاسىلەپ چىققان.
1. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئالدىدا جېدەللەشمىسە؛
2. ھەممە بالىسىغا ئوخشاش كۆزدە قارىسا؛
3. بالىلاردىن ئۈمىدسىزلەنمىسە، يالغان سۆزلىمىسە، لەۋزىدە تۇرسا؛
4. ئاتا-ئانىلار بىر-بىرىگە يول قويۇشسا، بىر-بىرىنى ئەيىبلەشمىسە؛
5. ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كۆڭۈل بۆلسە، مۇناسىۋەتتە يېقىن بولسا؛
6. بالىلىرىنىڭ دوستلىرىنى قىزغىن قارشى ئالسا؛
7. بالىلارغا ئاچچىقلانمىسا، سىلىق مۇئامىلە قىلسا؛
8. ئائىلىدە چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەشتەك كەيپىيات شەكىللەنسە، ئائىلىنىڭ چوڭ ئىشلىرى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ پىكرى ئېلىنىپ دېموكراتىيە ئاساسىدا بېكىتىلسە؛
9. ئائىلىدە بالىلارنىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈنسە، يەكشەنبە كۈنى ئاز دېگەندە يېرىم كۈن ئويناشقا يول قويۇلسا؛
10. ئاتا-ئانىنىڭ كەمچىلىكىلىنى بالىلارمۇ كۆرسىتىپ بېرەلىسە ھەم تەنقىد قىلالىسا.