تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
شىنجاڭ ئارزۇ سودا چەكلىك شىركىتى

پەن – تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلۋاتقان بۈگۈنكى جەمىيەتتە پەن – تېخنىكىنى يەنىمۇ توختىماي تەرەققىي قىلدۇرۇش ، كۈچەيتىش تەكىتلىنۋايىدۇ.

چۈنكى پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىش بىلەن ئەزەلدىن بۇپ باقمىغان نۇرغۇن نەرسىلەر ئىجات قىلىنىپ ئىشلەپ چىقىرلىپ تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى .

دەۋىرنىڭ تەلۋى خەلىقنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن شىنجاڭ ئارزۇ سودا چەكلىك شىركىتى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدە ئائىلە ئېلىكتىرونلۇق بۇيۇملارنى ياساش – سېتىش ساھەسىدە يوقلىقتىن بارلىققا كېلىپ ، بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن 1996 – يىلى تۇنجى بۇلۇپ كۆپ خىل ئىقتىدارلىق ئۇيغۇرچە سېستىمىلىق ئارزۇ ماركىلىق  VCD ئاپراتىنى مۇۋاپىقيەتلىك لاھىيلەپ ئىشلەپ چىقىرىپ بازارغا سالدى . بۇ مەھسۇلات سۈپەتنىڭ ياخشىلىقى كۆپ خىل ئىقتىدارغا ئېگە بۇلىشى ئۇيغۇرچە ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەر يېزىقىدا چۈشەندۈرۈلشى بۇلۇشتەك ئارتۇقچىلىقى بىلەن كەڭ خەلىق ئاممىسىنى بۇلۇپمۇ تىل مەسىلسىدە قىينىلۋاتقان خېرىدارلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى .

ئارزۇ سودا چەكلىك شىركىتى پارتىيەنىڭ ئىسلاھات ئېچۋىتىش سىياسىتىنىڭ تۈركىسىدە دەۋىت بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ ، تىرشىپ ، يېڭلىق يارتىپ ، ھازىرقى زامانغا ، دەۋىرگە يۈزلەنگەن ، ئىلغار پەن – تېخنىكا تايانغان ، يېڭلىق يارتىش روھىغا ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالغا ئېگە شىركەت .

شىركەت قۇرۇپ ھازىرغا قەدەر  شىركەتتىكىلەرنىڭ داۋاملىىق ئىزدىنىپ تىشىش نەتىنجىسىدە تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىش ۋە بازارغا سېلىش جەھەتتە ئۆزىگە خاس چىقىش يۇلى تېپىپ ، ناھايىتى تىزلا  كۆلەم ،  دائىرە جەھەتتىن كىشىنى خوشال قىلدىغان تەرەققىياتقا ۋە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى . 2004 – يىلى شىركەت يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئارزۇ ماركىلىق ، كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇيغۇرچە سېستىمىلىق  HDVD ئاپراتىنى ئىشلەپ چىقىرىپ بازارغا سالدى . ئارزۇ ماركىلىق  HDVD ئاپراتىنى يېرىم كومپىيۇتېر دىيىشكىمۇ بۇلىدۇ  ، بۇرۇن نۇرغۇن مەشغۇلاتلارنى كومپىيۇتېر ئارقىلىقلا ئېلىپ بېرلاتتى.

ئارزۇ  EVD ئاپراتىدا ئىچكى ساقلىغۇچ ، بارماق دېسكا ، mp3,mp4 , يان تېلفۇن ، قاتارلىق ئىلغار ئۈسكىنلەرنى ئۇلاش ئارقىلىق كومپىيۇتېر ھۆججىتى ، ناخشا ، – مۇزىكا ، رەسىم توپلىمى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ساقلاپ كۆرگىلى ۋە ئاڭلىغىلى خالىغان ۋاقىتتا ساقلاپ ۋە يۇيۋەتكىلى بولىدۇ .  ئۇنىڭدىن باشقا كۆپ چىش ‹ لەنيا ›  ئارقىلىق 20مىتىر ئارلىقتا DVD بىلەن تېلۋىزورغا  سىم ئۇلىمايلا بىۋاستە ئىشلەتكىلى بولىدۇ .

بۇ  EVD ئاپراتىدا يەنە ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ، ئاۋاز ياڭراتقۇ ، ئاۋاز كۈچەيتكۈچ ، رادىئو ، كومپىيۇتېرغا ئۇلاش  ، ‹USB› ھەرخىل ئۈنۋىرسال كارتا ئوقۇش ئېغىزى ، ئىچكى ساقلىغۇچ سىرتتىن ئۈچۈرۈش ، ئەستە ساقلاش ، قاتتىق سىلكىنىشكە بەرداشلىق بىرىش ، قاتارلىق ئىلغار ئۈسكىنلەر سەپلەنگەن ، ئۇنىڭدىن باشقا ئاۋاز ۋە سۈرەتنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقۇرى بۇلۇپ  ، 8خىل تىل ، 32 خىل يېزىقتىكى ئۈنۋىرسال مۇلازمەتتىن بەھىرمان بولغىلى بولىدۇ .

ئۈنىڭدىن باشقا 2006 – يىلى ئىشلەپ چىقارغان ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ، كىچىك تىپتىكى ئارزۇ ماركىلىق ،  MP3,MP4 ئاپراتلىرى ۋە 200دىن ئارتۇق قانال قۇبۇل قىلالايدىغان ، ئىكراننى كومپىيۇتېر ئېكرانى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان كۆزگە زىيانسىز ، بىرلا ۋاقىتتا ئېكران بۈلۈپ 12 قانال كۆرگىلى بولدىغان ئىقتىدارغا ئېگە چوڭ – كىچىك ئۇيغۇرچە سېستىمىلىق ، سىفىرلىق سۇيۇق كىرىستاللىق ئارزۇ ماركىلىق رەڭلىك تېلۋىزورنى بازارغا سېلىپ كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى .

مەھسۇلات تۈرلىرنى سەرخىللاشتۇرۇش ئۈچۈن يەنىمۇ ئىلگىرلەپ 2008 – يىلى كۆپ ئىختىدارلىق ئۇيغۇرچە ، قازاقچە سېستمىلىق ئارزۇ ماركىلىق يانفۇننى ئىشلەپ بازارغا سالدا . بۇ يانفۇنغا داڭلىق ماركىلىق ياناۇنلاردا بار ئىختىدارلار سەپلەنگەن .

 GSM كارتا قولاش ئۇيغۇرچە ، قازاقچە ، خەنزۇچە ، ئىنگىلىزچە يېزىق سېستىمىسى ، قول چىراق ، كۆك چىش ، رادىئو ئاڭلاش ، دۇنيا ۋاقتى ، دۇنيا خەرىتىسى ، كەلگەن تېلفۇننىڭ يار نامىنى ئۇيغۇرچە كۆرسىتىپ بېرىش ، قول چىراق قاتارلىق ئىختىدارلار سەپلەنگەندىن باشقا باتاريەسىز ھالەتتىمۇ يان تېلفۇننى بىمالال ئىشلەتكىلى بولىدۇ . 

2010– يىلى كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ تەلۋىگە ئاساسەن توك سەرپىياتى تۆۋەن ، ئىلغار تېخنىكا قوللانغان ، ئىشلىتىش ئۆمۈرى ئۇزۇن ، تاشقى كۆرنىشى كۆركەم ، مۇھىت ئاسراشچانلىققا ئېگە ، سىغىمى چوڭ ،شاۋقۇنسىز ئارزۇ ماركىلىق توڭلاتقۇلارنى ئىشلەپ بازارغا سالدى .

ئۇنىڭدىن باشقا توك ، سۇ تىجەش ئىختىدارى يۇقۇرى ، ئىچكى ئورالمىسى 100%لىك  ساپ مىستتىن ياسالغان ، كىر چىقىرىش ئۈنۈمى يۇقۇرى ، شاۋقۇنى تۆۋەن ، تاشقى كۆرنىشى كۆركەم ، ئاپتۇماتلىق ، يېرىم ئاپتۇماتلىك ئارزۇ كىرئالغۇسىنى تۈركۈملەپ بازارغا سالدى.

ئارزۇ ئېلىكتىرون مەھسۇلاتلىرىنىڭ نۇسخىسى ، رەڭگى ھەم تەپ جەھەتلەردە 100خىلدىن ئېشىپ كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللاپ سېتۋېلىشقا قولايلىق شارائىت يارتىپ بەردى .

بۇ مەھسۇلاتلار سۈپۈتىنىڭ ياخشىلىقى ، ئىقتىدارىنىڭ يۇقۇرلۇقى . باھاسىنىڭ مۇۋاپىقلىقى ، ئىشلىتىشكە قولايلىقلىقى بىلەن تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇپ شىمالىدا ، شەھەرلەردىن ناھىيەلەرگىچە ، بازاردىن يېزا قىشلاقلارغىچە تىز سۈرئەتتە تارقىلىپ 90دىن ئارتۇق ۋاكالىتەن سېتىش ئورنى بار بولغان كۆلەملەشكەن ، سېستىملاشقان سودا تورىنى شەكىللەندۈردى . ئارزۇ شىركىتى يۇقارقۇدەك تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەندىن كىيىن ، ئۈزلىكسىز يول ئېچىپ ئىلگىرلەپ ،بازار كېڭەيتىپ ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز دائىرسىدىن ھالقىپ ، ئۆزبېكىستان . قازاقىستان ، تاجىكىستان ، پاكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرغا مەھسۇلاتلىرىنى ئىكىسپورت قىلىپ ، شۇ يەردىكى خېرىدارلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى .

ئارزۇ شىركىتى يۇقارقىدەك ئەمىلىي نەتىنجىلەرگە ئېرىشكەندىن سىرت كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ ھەقىقىي ئىشەنچىسىگە، سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىكنىڭ تستىقلىشىغا شۇنداقلا  دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنمىزنىڭ مۇناسۋەتلىك رەھبەرلىردىن : ۋاڭ لىچۈەن ، ئىسمايىل ئەھمەد ، ئابلەت ئابدۇرىشت ، ئىسمايىل تىلۋالدى ، نۇر بەكرى ، ئەركىن ئىمىر باقى ، مىجىت ناسىر قاتارلىق يۇقۇر باھاسىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى .

شىركەت قۇرلۇپ ھازىرغىچە تەرەققىيات يولىدا داۋاملىق ئىزدىنىپ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكە ۋە خەلىقئارالىق يىغلىشقا قاتنىشىپ شىركەت ۋە ئارزۇ ماركىسىدىكى مەھسۇلاتلارنى كەڭ خەلىق ئاممىسىغا تۇنۇتۇپ ، نەزەر دائىرسىنى كەڭەيتىپ  ، شىركەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ يول ئاچتى . 

شىركەتنىڭ قانۇنى ۋەكىلى : ئەمەتجان 

2004 – يىلدىن 2010 – يىلغۇچە تەجىربە توپلاش ۋە بازار ئېچىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ، ياۋرۇپا ئەرەپ ئەللىرى ، شىڭگاڭ ، ئاۋمىن ، سىنگافور ، مالايسىيا ، دۈبەي ، سەئۇدۇ ئەرەبىستان ،قاتار يېرىم ئارلى ، بەھرەيىن ، تايلاند ، پاكىستان ، قىرغىزىستان ۋە باشقا ئەللەردىن بۇلۇپ يىگىرمە نەچچە دۆلەت ۋە رايۇنلارغا چىقىپ شۇ يەردىكى شىركەت ۋە سودىگەرلەر بىلەن سودا ئالاقۇسى ۋە مۇناسىۋەت ئورنۇتىپ نەزەر دائىرسىنى تېخىمۇ كەڭەيتىپ شىركەت ۋە ئارزۇ ماركىسى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ يول ئاچتى .

ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلىقئارالىق ئىقتىساد سودا يەرمەنكىلىرگە قاتنىشىپ ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن سودىگەرلەرنى جەلىپ قىلىپ تاجىكىستان ، قىرغىزىستانلىق سودىگەرلەر بىلەن يۇقۇرى سوممىلىق ئارزۇ ماركىلىق ئىلىكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش توختامىنى ئىمزالىدى .

ئارزۇ ماركىلىق ئىلىكتىرون مەھسۇلاتلىرى كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرۋاتقان مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان كۆڭۈلدىكىدەك ئۈسكىنلەر بۇلۇپ ، ئۇ ھازىرقى زامان كىشلىرىنىڭ تۇرمۇش ، ئۆگۈنىش ۋە كۈندۈلۈك خىزمىتىدە مۇھىم رول ئوينىماقتا .


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز