شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
ئەنگلىيە ۋە چېخ ئالىملىرى يېقىندا تەتقىقات قىلىش ئارقىلىق سامساق يىگەن ئەرلەرنىڭ قولتۇق تەرىدىن كىشىنى جەلپ قىلىدىغان خۇشپۇراق تارقايدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ بۇ ئارقىلىق ئاياللارنى جەلپ قىلىدىغانلىقنى، ئەرلەرنىڭ تېنىدىن تارقالغان سامساق پۇرىقىنىڭ ئاياللارغا شۇ ئەرنىڭ ناھايىتى ساغلام ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىنى ئېنىقلىغان.
بىر قىسىم دۆلەتلەردە كۆپىنچە ئايال سامساق پۇراپ قالغان ئەرلەرگە يېقىن يولىمايدىغان بولۇپ، كىشىلەر نەزىرىدە سامساق ئاشىق-مەشۇقلار ئۇچرىشىشنىڭ قاتلى سانىلىپ كەلگەنىدى. بىراق ئەنگلىيە بىلەن چېخ ئالىملىرىنىڭ بۇ بايقىشى ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان. بۇ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، سامساق يېگەندىن كېيىنكى ئېغىز پۇرىقى تەركىبىدىكى گۈڭگۈرت گازى سامساق بىلەن تەڭ تېرە دىۋارىغا كىرمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، بەدەننىڭ سېسىق پۇراپ قېلىشتىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز ئىكەن، ئەكسىچە، ئەرلەر سامساق يېگەندىن كېيىن قولتۇق تەرىدە ئاياللارنى جەلىپ قىلىدىغان خۇشپۇراق پەيدا بولۇپ، ئاياللارنىڭ مايىللىقىغا ئېرىشىدىكەن.