تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
App Store دا باھا تەڭشەش جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ

 App Store دا باھا تەڭشەش جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ

 


چەتئەل مىدىئالىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالما شىركىتى يۇمشاق دىتاللارنىڭ پارچە سېتىش باھاسىدا تەڭشەش ئېلىپ بارماقچى، 24 سائەت ئىچىدە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ. باھا تەڭشەش دائىرىسى iOS ۋە OS X ئەپ دىتال بازىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بەش دۆلەت بۇ چارىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرايدۇ، ۋاقتىنچە جۇڭگوغا قارىتا چارە قوللىنىلمىغان. ئالما پۈتۈن دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردىكى ئەپ يۇمشاق دىتال تەرەققىي قىلدۇرغۇچىلارغا ئاۋىستىرالىيە دوللىرى، ھىندىستان رۇپىيەسى، ھىندىنوزىيە رۇپىيەسى، تۈركىيە لىراسى ۋە جەنۇبىي ئافىرىقا پۇلى قاتالىق بەش خىل پۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلاردا App Store دىكى يۇمشاق دىتاللارنىڭ باھاسىغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلغان.

ئالمىنىڭ دىيىشىچە، بۇ پىرىۋوت نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىش تەسىرىنى تەڭپۇڭلاشتۈرۈش ئۈچۈن بولۇپ، يېڭى باھا سېستىمىسى 24 سائەت ئىچىدە ئۈنۈمىنى كۆرسىتىدىكەن. ئالما ئىسرائىلىيە شەقىل پۇلىسىدىكى يۇمشاق دىتاللارنىڭ باھاسىنى ئۆسىدىغانلىقى، يېڭى زىنلاندىيە پۇلىسىدىكى يۇمشاق دىتاللارنىڭ باھاسىنىڭ تۆۋەنەليدىغانلىقىنى ئايرىم ئېلان قىلغان.

ئىگەللىنىشىچە، ئالما ئىلگىرى مۇشۇنداق App Store دىكى يۇمشاق دىتاللارنىڭ باھاسىنى تەڭشىگەن، 2011-يىلى فونىستىرلىڭ ئىشلىتىپ باھا بېكىتىلگەن يۇمشاق دىتاللارنىڭ باھاسىنى تەڭشىگەن، 2013-يىلى ياپونىيە يىنىدا باھا بىكىتىلگەن يۇمشاق دىتاللارنىڭ باھاسىنى تەڭشىگەن. ئەمما بۇ قېتىم بەش دۆلەت پۇلىسىغا قارىتا بىراقلا باھا تەڭشەش ئېلىپ بېرىشى تۇنجى قېتىملىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز