تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە قۇرۇلۇشچىلار كېچىسى ئىش توختىتىدۇ

 



شىنجاڭ تورى خەۋىرى ،مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە ،5-ئاينىڭ31-كۈنىدىن باشلاپ ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى ئاخىرلاشقىچە ،ئۈرۈمچى ھەرقايسى رايون ناھىيەلىرى كېچىسى قۇرۇلۇش قىلىشقا يول قويۇش ئىجازەتنامىسىنى تەستىقلاپ تارقاتمايدۇ.پۈتۈن ئۈرۈمچى تەۋەسىدە كېچىدە قۇرۇلۇش قىلىش توختىتىلىدۇ.تولۇق ئوتتۇرغا ئۆرلەش ئىمتىھانى ،ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە ھەرقايسى ئىمتىھان نۇقتىلىرىدىن200مېتىر كېلىدىغان ئورۇنلاردىكى قۇرۇلۇشلار بىراق توختىتىلىدۇ.بۇ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان قۇرۇلۇش نۇقتىلىرىغا قارىتا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا100مىڭ يۈەن جەرىمانە قويىلىدۇ.ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېقىنلاپ كەلگەن مەزگىلدە ،ئۈرۈمچى شەھىرى مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى پۈتۈن شەھەر خاراكتىرىدىكى شاۋقۇن سۈرەن پەيدا قىلغۇچى ئورۇنلار ۋە ئىمتىھان نۇقتىلىرىغا قارىتا ئەھۋال ئىگىلەپ، يېشىل ساغلام بولغان ئالىي مەكتەپ ۋە تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانى ھەرىكىتى بەلگىلىمىسىنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ ،پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە شاۋقۇن سۈرەنلەرنى قاتتىق چەكلەيدۇ .ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا ،مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى ھازىرغىچە ،ھەرقايسى ئىمتىھان نۇقتىلىرىنىڭ 200مېتىرغىچە بولغان ئەتراپىدىكى شاۋقۇن پەيدا قىلغۇچى نۇقتىلارنى تەكشۈرۈپ بايقاپ ،ھەرقايسى كارخانا قۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ ،كۆڭۈل ئېچىش سارايلىرىنىڭ ،بەش خىل مېتال پىششىقلاپ ئىشلەش نۇقتىلىرى ۋە باشقا شاۋقۇن پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان بارلىق ئىدارىلارنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى ۋە ۋاقتىنى كونترول قىلىشىنى بۇيرۇغان.شەھەرلىك مۇھىت تەكشۈرۈش تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى يىنجەنروڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ،ھازىر مۇھىت ئاسراش ئورگانلىرى ئىمتىھان نۇقتىلىرى ئەتراپىدىكى شاۋقۇن پەيدا قىلغۇچى ھەرقايسى ئورۇنلارنى كېچىدىمۇ كۈزىتىۋاتىدۇ .ئىمتىھان ۋاقتىدىمۇ ھەركۈنى تەكشۈرۈپ ،بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىدىغان ئورۇن ۋە كارخانىلارنى نەق ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلىدۇ .شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا مۇھىت ئاسراش ئورگانلىرى ھەرقايسى ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇشۇنداق بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچى ئورۇنلارنى مۇھىت ئاسراش لىنىيىسى12369 گە تېلېفون قىلىپ پاش قىلىشىنى ئەسكەرتىدۇ.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز