تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
دىققەت! سىرتتا تاماق يېگەندە بۇ نەرسىلەرنى يېمەڭ!

دائىم سىرتتا تاماق يەمسىز؟ بۇنداق قەغەزنى كۆرگەنمۇ؟ نۇرغۇن ئاشخانىلاردا ئىشلىتىلىدۇ، بىر سىلكىپ قويسىڭىزلا يىرتىلىپ كېتىدۇ، مۇشۇنداق قەغەزدىمۇ ئېغىزىڭىزنى سۈرتەمسىز؟ قېنى بۇنىڭغا قاراڭ!

بىر قېتىملىق ئىشلىتىدىغان تازىلىق بۇيۇملىرىنىڭ سەھىيە ئۆلچىمى

ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىت پاكىز بولۇشى، ئەخلەت، پاشا-چىۋىن قاتارلىق بولماسلىقى كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا زۆرۈر بولغان سۈپەت تەكشۈرۈش ئەسلىھەلىرى بولۇشى، ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرگەن خىزمەتچىلەر كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ، پەلەي كىيىپ، ماسكا تاقىشى كېرەك.

سۈپەتسىز قەغەزنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مۇھىتى

ئەلا سۈپەتلىك قەغەز ياغاچ بوتقىسىدىن ياسىلىدۇ، ياغاچنى خام ماتېرىيال قىلىپ، ئۇماچلاپ، ھوردىتىپ ياسىلىدۇ، بۇنداق قەغەز يۇمشاق، سىرتقى يۈزى پارقىراق، ئېلاستىكىلىقى ياخشى بولىدۇ.

ناچار سۈپەتلىك قەغەزنىڭ خام ماتېرىيالى بولسا يىغىۋېلىنغان كېرەكسىز قەغەز.

گېزىت، كىتاب، دورىلارنىڭ ئورالمىسىنىڭ بەزىلىرى قارىداپ پاختىلىشىپ كېتىدۇ.

بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنى نازارەت قىلىش بەلگىلىمىسىنىڭ 9-ماددىسىدا ئېنىق قىلىپ، قەغەزنى يىغىۋېلىنغان كېرەكسىز قەغەز، باسما بۇيۇملىرى، قەغەز بۇيۇملىرى ۋە باشقا يىغىۋېلىنغان تالانى خام ماتېرىيال قىلىشقا بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.

مەسئۇلىيەتسىز كارخانىلار قەغەزنى ئاقارتىش ئۈچۈن، ئىچىگە ئاقارتىش پاراشوكى، ئاقارتقۇچ قوشىدۇ.

ئاقارتقۇچ ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن باشقا خىمىيىلىك ماددىلاردەك ئاسان ئاجرالماستىن، ھۈجەيرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەندە راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بەزى قەغەز ياساش زاۋۇتلىرى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، قەغەزگە يەنە كۆپ مىقداردا تالك پاراشوكى قوشىدۇ، بىر توننا قەغەز بوتقىسىغا يېرىم توننا تالك پاراشوكى قوشىدۇ. ئىشچىلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قەغەز ياساش زاۋۇتىنىڭ تاپىدىغىنى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق باھاكەن.بۇ قەغەزنى بىر سىلكىسىلا ئىچىدىن كۆپ مىقداردىكى پاراشوك تۆكۈلىدىكەن.

ناچار ۋە ئەلا سۈپەتلىك قەغەزنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى!

پۇراپ بېقىڭ، غەيرىي پۇراق بارمۇ-يوق؟

كۆرۈپ بېقىڭ، ئىچىدە تۆشۈك، چېكىتلەر بارمۇ يوق؟

سىلكىپ بېقىڭ، پاراشوك تۆكۈلەمدۇ يوق؟

شۇڭا سىرتتا تاماق يىگەندە قەغەزنى ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىز تەييارلاڭ، مۇنتىزم شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان قەغەزنى ئىشلىتىڭ، بولمىسا قولياغلىق ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، پاكىز ھەم مۇھىت ئاسرايدۇ.




ئەسلى مەنبەسى: health.sohu.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز