يوچۇق
بىر كارخانىچى دوكلات بېرىۋاتقاندا بىر ئاڭلارمەن ئۇنىڭدىن سورىدى:
-سىز ئىشلىرىڭىزدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەت قازاندىڭىز، سىزدىن سوراپ باقسام، سىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەڭ مۇھىم نەرسە نېمە؟
كارخانىچى ئۇنىڭ سوئالىغا بىۋاسىتە جاۋاب بەرمەي قولىغا بور ئىلىپ دوسكىغا چەمبەر سىزدى، بىراق چەمبەرنى تولۇق سىزماي ئازراق يوچۇق قالدۇردى، ئاندىن پەستە ئولتۇرغانلاردىن:
-بۇ نېمە؟- دەپ سورىدى. بەزىلىرى نۆل دېسە، بەزىلىرى چەمبەر، يەنە بەزىلەر تېخى تاماملاپ بولالمىغان ئىشلار دېدى، ھەتتا مۇۋەپپەقىيەت دەپ جاۋاب بەرگىلىرىمۇ بولدى، شۇنداق قىلىپ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ گەپلىرى بىر يەردىن چىقمىدى، بىراق كارخانىچى ئۇلارنىڭ جاۋابلىرىنى يا ئىنكار قىلمىدى يا مۇئەييەنلەشتۈرمىدى بەلكى ئۇ مۇنداق دېدى:
-ئەمەلىيەتتە بۇ تولۇق بولمىغان چېكىت، سىلەر مەندىن نېمىشقا مۇنداق كۆپ نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىمنى سورىدىڭلار، بۇنىڭ جاۋابى بەك ئاددى، مەن ھەر قانداق ئىشنى تولۇق قىلىپ كەتمەيمەن، خۇددى مۇشۇ چېكىتكە ئوخشاش ئازىراق يوچۇق قالدۇرۇپ، يوچۇقنى قول ئاستىدىمدىكىلەرنىڭ تولدۇرۇشىغا قالدۇرىمەن.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، باشقىلارغا ئازراق يوچۇق قالدۇرۇش ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزنىڭ كەمتۈكلۈكىنى بىلدۈرمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇ باشقۇرۇش پاراسىتى جۈملىسىدىن، شۇنداقلا تېخىمۇ يۈكسەك ئومۇمىلىققا ئىگە تەدبىر.