تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
«غۇنچە» شېئىرىيەت باغچىسى

«غۇنچە» شېئىرىيەت باغچىسى


 

 

قاراقاش ناھىيە توخۇلا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 2-دەرسخانا پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ئئىقتىدارىنى نامايەن قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك تەشەببۇسى ۋە مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ئىزچىل قوللاپ–قۇۋۋەتلىشى ئارقىسىدا، 2001-يىلىدىن باشلاپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ مەسئۇللۇقىدا « يۇقىرى ئېقىن گېزىتى» نامىدا مەكتەپ گېزىتى چىقىرىشقا باشلىغان بولۇپ، ھەر سان گېزىت 200 نۇسخا كۆپەيتىلىپ مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىغا تارقىتىلغان. گېزىتكە بېسىلغان ئەسەرلەر مول مەزمۇنلۇق، تېما دائىرىسى كەڭ بولۇپ، مەكتەپ تارىخىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئوقۇغۇچىلانىڭ يېزىقچىلىق ماھارىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كۇرۈنەرلىك رول ئوينىغان. 2008-يىلىدىن باشلاپ گېزىتنىڭ چىقىرىلىش قەرەلى ئۆزگەرتىلىپ، ھازىرھەر ئايدا بىر سان چىقىرىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

«يۇقىرى ئېقىن گېزىتى»دە ھازىرغا قەدەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 80 نەچچە نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ 200 پارچىدىن ئارتۇق ھەر خىل ژانىردىكى مەشىق ئەسەرلىرى بېسىلغان. بۇ ئەسەرلەردىن ئون بەش نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ 30 پارچە ئەسىرى«تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلى، «پەرۋاز» ژۇرنىلى، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان.

تۆۋەندە توخولا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات كۇرۇژۇكىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇق.

                              ــــــ «خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلى تەھرىراتى

 


ۋەتىنىم

 

  مۇھەببەت مۇھەممەدئىمىن

 

 

ۋەتىنىم، ئانامسەن،

ئىللىق شۇ قەدەر.

مىللىتىم مېھماندوست،

غۇرۇرى قەيسەر.

 

قوينۇڭدا ئىناقلىق،

سەمىمىي نىيەت.

كۈلىدۇ دىللاردا،

مېھرى-مۇھەببەت.

 

 

مېنىڭ ئىسمىم بوۋامنىڭ

 

ئابدۇللا ئېلي ئابدۇللا

 

دادام ماڭا قويۇپتۇ،

دادىسىنىڭ ئىسمىنى.

ئۆچۈرمەي دەپ دادامنىڭ،

نامى بىلەن جىسمىنى.

 

مېنىڭ ئىسمىم بوۋامنىڭ،

ئاڭلىنىدۇ چىرايلىق.

تۇغقانلارغا بەك تونۇش،

چاقىرىشقا قۇلايلىق.

 

چوڭ بولغاندا بوۋامدەك،

ئېسىل ئىنسان  بولىمەن.

قەلبلەرنىڭ تۆرىدە،

كۆچمەس مېھمان  بولىمەن.

 

 

   ئانامغا


ماھىرە ئەخمەتجان

 

ئاڭلا ئانا سۆزۈمنى:

ھەممە پەسىل ياز بولسا.

كۈندە يۈرسەم تالادا،

تاپشۇرۇقۇم ئاز بولسا.

 

تاغدا تاقلاپ ئوغلاقتەك،

باغدا مىنسەم چىۋىق ئات.

ناخشا ئېيتىپ ئايدىڭدا،

ئوينىۋالسام كۆڭلۈم شاد.

 

تەبىئەتنىڭ كۆزىدىن،

تېپىۋالسام ئىزىڭنى.

رازى بولساڭ باققانغا،

مەندەك ئويچان قىزىڭنى.

 

زارلانمىساڭ قىز بالا،

سىرتتا يۈرسە ئۇيات دەپ.

بىلسەڭ ئانا تەبىئەت،

قىزىمغا نۇر-ھايات دەپ.

 

 

دېھقان بوۋامغا

 

دىلنۇر قۇربان

 

دېھقان بوۋا رەنجىمە،

مەن چاچمىدىم دېنىڭنى.

ئەتىۋارلاپ يەيمەن مەن،

كۈندە ئاش ھەم نېنىڭنى.

 

ئۇكام دېگەن بەز قۇلاق،

شۇنداق تاماق خىللايدۇ.

ئاشنى ئىسراپ قىلدىڭ دەپ،

ئانام ئۇنى تىللايدۇ.

 

ئۇكام بىر كۈن چوڭ بولۇپ،

يېتەر سېنىڭ قەدرىڭگە.

چىقار چوقۇم گۈل تۇتۇپ،

تارتقان جاپا- ئەجرىڭگە.

 

كەچۈر، بوۋا ئۆتۈنەي،

بىزدىن پەقەت رەنجىمە.

ئىسراپخورلۇق يامان ئىش،

ئاڭلايمىز بىز تەربىيە.

 

 

 

ئىككى شېئىر

 

دېھى ناسىر

 

قاشتېشىغا مەدھىيە

 

جاپاكەش، مېھنەتكەش خوتەن خەلقىنى،

دۇنياغا تونۇتتى ھۆسنى جامالىڭ.

سەن بىلەن ھەممىمىز بولدۇق باياشاد،

پۇر كەتتى جاھانغا قىممەت-كامالىڭ.

 

كۆچتىڭ سەن خوتەننىڭ تۇپراق ئاستىدىن،

ھۆرمەتتە شاھلارنىڭ تاجى-تەختىگە.

تەۋسىپىڭ جاھانغا بولدى ئاشكارا،

ئۇل تاشسەن خەلقنىڭ ھۆرمەت بەختىگە.

 

كۈي ئوقار ھەر جايدا شەنىڭگە سېنىڭ،

ئابدۇرېھىم ئۆتكۇردەك شائىرلىرىمىز،

بىغۇبار قەلبىدىن توقۇيدۇ داستان،

شاھ مۇھەممەد بوۋامدەك ۋايىزلىرىمىز.

 

     بىلىم

 

بىلىم دېمەك خوتەن قاشتېشى.

كىم ئىزدەنسە شۇنىڭغا چىقار.

چۈشلىرىدە قاشتېشى چۈشەپ،

ئىزدەنمىگەن بىكاردۇر-بىكار.

 

بىلىم دېمەك كاندىكى ئالتۇن،

پاڭ قەلبنىڭ زىبۇ-زىننىتى.

كىم قېزىۋالسا شۇنىڭ بولۇر ئۇ،

ئۆسۈر ئەلدە ئۇنىڭ قىممىتى.

 

  

 

 ئىككى شېئىر

 

رىزۋانگۇل باتۇر

 

  ھېيتىلىق پۇل

 

بەرسە دادام ھېيت كۈنى،

خەجلىگىن دەپ ھېيتلىق پۇل.

خەجلەش  ئۈچۈن بازارغا،

يۈگۈرمەيمەن مەن ئۇدۇل.

 

يىغىپ-يىغىپ مەن ئۇنى.

قاپىقىمغا تاشلايمەن.

ئىختىسادچىل بولۇشنى.

مۇشۇ كۈندىن باشلايمەن.

 

«يامان ئادەت بەدخەجلىك»

دېگەن بىزگە مۇئەللىم.

قولىقىمنىڭ تۈۋىدە،

جاراڭلايدۇ بۇ تەلىم.

 

  دوستلارغا

 

كېلىڭلار دوستلار، بىرلىكتە

كۆچەت تىكەيلى.

ھويلىسىغا مەكتەپنىڭ،

سۆگەت تىكەيلى.

 

ئەجرىمىزدىن سۆگەتلەر،

بولسا باراقسان.

تومۇز كۈنى ئىسسىقتا،

راھەتلىنەر جان.

 

 چېقىمچى


ئابدۇۋاھاپ مەمەتنىياز

 


 

يوقنى بار دەپ چاقىدۇ،

يۈزى قېلىن چېقىمچى.

غەيۋەت، نىزا، تۆھمەتكە،

كۆڭلى يېقىن چېقىمچى.

 

ھەرە بىلەن چاياننى،

ياسايدۇ ئۇ چېقىشتا،

يۈندىسىدە ئۆزگىنىڭ،

ئۇستا ئۇ جان بېقىشتا.

 

ئۇنىڭ قولىدا چېقىلۇر،

ئەلنىڭ بىرلىك قاچىسى.

چېقىمچىدىن گاھىدا،

ياخشى يۇرتنىڭ گاچىسى.

 

مەكتىپىم

 

ئوغالنىسا ئەھمەد

 

 

مەكتىپىمىز بەك گۈزەل.

سىنىپىمىز يۇپيورۇق.

ھەرگىز چارچاپ قالمايمەن،

ئىشلەپ كۈندە تاپشۇرۇق.

 

ئۇستازىمىز كۆيۈمچان،

مېھرى ئىللىق قۇياشتەك.

بىلىنىدۇ ئۇ ماڭا،

خۇددى سىرداش ئاداشتەك.

 

ئاسماندىكى يۇلتۇزدەك،

ئاداشلىرىم بەكمۇ جىق.

كەلگىن دوستلار ئوينايلى،

مەنمۇ چىقتىم، سەنمۇ چىق.

 

مۇئەللىم

 

نۇرئىمان ئېزىز

 

ئەي، مۇئەللىم، مۇئەللىم،

سەن پەرلەنگەن نۇر چىراق.

ئۇخچۇپ تۇرار روھىڭدىن،

ئىلىم-پەنگە ئىشتىياق.

 

ئەي، مۇئەللىم، مۇئەللىم،

سەن بىلىمنىڭ قۇياشى.

ئىلىم-پەننى سۆيگەننىڭ،

يول باشچىسى، قاياشى.

 

ئەي، مۇئەللىم، مۇئەللىم،

بەردىڭ ماڭا كۆپ بىلىم.

تەلپۇنىدۇ ھاياتقا،

تەلىمىڭدىن شوخ دىلىم.

 

 

مەرھابا يېڭى يىل...

 

 

قەلبىنۇر مۇھەممەدئىمىن

 

كونا يىلنى ئۇزۇتۇپ،

يېتىپ كەلدى يېڭى يىل.

سەنمۇ خۇشال، بىزمۇ خۇش،

يايراپ كەتتى ھەممە دىل.

 

 يېڭى يىلدا ھەممىمىز،

 قۇچايلى كۆپ شان-شەرەپ.

 ئەجرىمىزدىن پۈركەنسۇن،

 گۈل- چېچەككە ھەر تەرەپ.

 

 

 

كېپىنەك ۋە ھەسەل ھەرىسى

 

روزىنىسا تۇرسۇنتوختى

 

كىچىك گۈللۈكتە،

ئوينار كېپىنەك.

ھەسەل ھەرىسى،

يىغار گۈل-چېچەك.

 

بىرى باھاردىن،

تۆھپىسىز ئۆتەر.

بىرى تەر بىلەن،

ئەلگە نەپ پۈتەر.

 

 

 ئانا يۇرتۇم قاراقاش

 

ئاينۇر روزىباقى

 

بېقىپ مېنى ئۆستۈردۈڭ،

ئانا يۇرتۇم قاراقاش.

سەن بولغاچقا كۆڭلۈم خۇش،

مانا يۇرتۇم قاراقاش.

 

مەدەت بەردىڭ، كۈچ بەردىڭ،

ماڭا يۇرتۇم قاراقاش.

قەلبىم مەڭگۈ تەلپۈنەر،

ساڭا يۇرتۇم قاراقاش.

 

 

 بالىلىقىم

 

روزىنىسا ئىمىن

 

 

سېغىندىم مەن بالىلىقىمنى،

ئاشۇ تاتلىق قىلىقلىرىمنى.

مەن بىلەن تەڭ ئۆستەڭ قەلبىدە،

ئەركىن ئۈزگەن بېلىقلىرىمنى.

 

سېغىندىم مەن بالىلىقىمنى،

بالىلىقىم مېنى كۈلدۈرگەن.

بالىلىقىم ھايات بېغىمغا،

يېڭى-يېڭى ئۈمىد ئۈندۈرگەن.

 

 

ئەسلى مەنبەسى: «غۇنچە» شېئىرىيەت باغچىسى

تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز