ئۆيدىكى ئەمبەلدە ھەر خىل يېمەكلىكلەرنى توغرايمىز، ئەمبەلدە خام گۆش توغراپ بولۇپلا پىششىق گۆش توغراشقا بولمايدۇ، چۈنكى خام گۆشنىڭ تەركىبىدە سالمونېللا باكتېرىيەسى، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى قاتارلىق كېسەل پەيدا قىلىدىغان مىكرو ئورگانىزملار بولىدۇ.
ياغاچ ئەمبەلنىڭ ئۈستىدە خام گۆش توغرىغاندىن كېيىن، سىم يۇيغۇچ بىلەن پاكىز يۇيۇش كېرەك. يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ئۈستىگە قايناق سۇ قويۇش ياكى %70 لىك ئىسپىرت بىلەن سۈرتۈش، ئاخىرىدا تىكلەپ قويۇپ قۇرۇتۇش كېرەك. ھەر قېتىمدا ئەمبەلدە پىششىق يېمەكلىك توغراشتىن بۇرۇن چوقۇم ئۈستىگە قايناق سۇ قۇيۇۋېتىش كېرەك.
ئەڭ ياخشىسى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئەمبەلنىڭ ئۈستىگە تۈز سېپىپ10 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن پاكىز سۇدا چايقىۋېتىش، ئاخىرىدا ئاپتاپقا يېرىم سائەت قاقلاش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا باكتېرىيەنى ئۆلتۈرۈپ، دېزىنفېكسىيەلەش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئەمبەلدە ئۇزاق مەزگىل خام گۆش توغرىغاندا غەلىتە پۇراق پەيدا بولۇپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەمبەلنى ئاچچىقسۇ بىلەن يۇيۇش كېرەك. ئەمبەل كونىراپ ئويمانلار پەيدا بولغاندا، يېمەكلىك قالدۇقلىرى ئاسانلا ئويمانغا كىرىۋالىدۇ، بۇ تازىلىماقمۇ تەسكە توختايدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئەمبەلنى چوقۇم يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش كېرەك.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2015-12/23/content_482574.htm