خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەلۇم بىر جاي كارخانىلار خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئاچتى، مەيداندا كىشىلەر ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ، لېكىن كېلىشىم تۈزىدىغانلار ئىنتايىن ئاز ئىدى. ئەسلىدە، يەرلىك ھۆكۈمەت ئادەم يىغىش ئۈچۈن، قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ يىغىنغا قاتنىشىدىغان ئادەم سانىنى بېكىتىپ بەرگەچكە، نۇرغۇن ئورۇنلار ئادەم ياللاپ سان تولۇقلاپ ۋەزىپىنى تاماملىغان ئىكەن. پائالىيەت داغدۇغىلىق بولغىنى بىلەن، ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى.
مەيداننى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇشتەك خەلققە نەپ يەتكۈزۈدىغان، خەلققە قولايلىق ئوينىڭ بولغانلىقى ياخشى ئىش. لېكىن شەكىلۋازلىق قىلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، شۆھرەتپەرەسلىك قىلىپ نەتىجىگە ئېرىشىش ياخشى ئىش ئەمەس. خەلق ئۈچۈن ئىش بېجىرىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان-بولمىغانلىقىغا قاراشتا «كۆلەم ئېففېكتى»گە قاراش ھاجەتسىز، ئامما كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، ئېھتىياجسىز ئىشلارنى ھەر قانچە داغدۇغىلىق، سەرخىل قىلىپ ئۆتكۈزگەن بىلەن بىكار. ئەكسىچە، ئامما ئېھتىياجلىق، كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنى ئاز بولسىمۇ ھەقىقىي بىر تەرەپ قىلغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي ئالقىشقا ئېرىشەلەيدۇ.
تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا بۇنىڭ ھەممىسى ئادەتنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىدىن بولغان. ئەمەلىيەتتە، تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇر يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، تەمىنلەش-ئېھتىياجنىڭ ئۇدۇللىشىشىغا يېتەكلەشتە نەتىجىگە ئېرىشىش تەس بولسىمۇ، لېكىن ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولسىلا، ئامما تەبىئىيلا ياخشى كۆرىدۇ.
ئەسلى مەنبە: http://uyghur.people.com.cn/158504/15553940.html