1.ئالدىنى ئېلىش خاراكتىرىدە دورا ئىچۈرمەڭ. ئەمەلىيەتتە بازارلاردا ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇپ ، كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورا يوق. شۇڭا . كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە بالىغا قارىغۇلارچە دورا ئىچۈرمەسلىك كېرەك.
2. ئانتىبىئوتىك دورىلارنى خالىغانچە ئىچۈرمەڭ. ئانتىبىئوتىك دورىلارنى خالىغانچە ئىچۈرگەندە ، داۋالاشقا دەخلى يېتىدۇ، مىقدارى ئاز بولغان تەقىدردىمۇ كېسەللىك باكتىرىيەلىرىرىدە دورىغا تاقابىلچانلىق پەيدا بولۇپ ،داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ.
3. قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنى خالىغانچە ئىچۈرمەڭ. بالىنىڭ تىمپىراتۇرىسى 38.5 سېلىتسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولسا ، قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى ئىچۈرمىسىمۇ بولىدۇ.
4.ئىچ سۈرۈش توختىتىش دورىلىرىنى خالىغانچە ئىچۈرمەڭ . ئىچ سۈرۈشنى داۋالاشتا سۇسىزلىنىش ، ئېلىكتىرولىتلارنىڭ قالايمىقانلىشىش دەرىجىسى بويىچە، ئاسما ئۇكۇل ئۇرۇش، يېمەك ئىچمەكنى تەڭشەش ۋە ياللۇغنى كونتىرول قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ. شۇڭا بالىنىڭ ئىچ سۈرۈشى قايسى تۈرگە كىرىدىغانلىقىنى ئىنىقلاپ، شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.
5. چوڭلارنىڭ دورىسىنى ئىچۈرمەڭ. بەزى ئاتا ئانىلار بالىسى ئاغرىپ قالسا ، چوڭلار ئىشلىتىدىغان باكتىرىيەگە قارشى دورا ياكى زۇكامغا قارشى دورىلارنى ئىچۈرىدۇ. گەرچە بۇ دورىلارنى ئاز مىقداردا ئىچۈرسىمۇ ،بالىلارغا ماس كەلمەيدۇ.
6.دورىلارنى خالىغانچە ئۇسۇلدا ئىچۈرمەڭ . بەزى ئاتا-ئانىلار چوڭلارنىڭ كاپسۇللۇق دورىلىرىنى ئېچىپ ئىچىدىكىنى تۆكۈپ بالىلارغا ئىچۈرىدۇ، ئوكۇل سۇيۇقلۇقىنى ئىچۈرىدىغانلارمۇ بار . بۇنداق قىلغاندا دورىنىڭ رولى ئاجىزلاپ كېتىدۇ.
مەنبە ؛ بالىلار تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىق