ئاھ، مەلىكەم
مىر ئەخمەت مامۇت
مىسرا بولۇپ تۆكۈلىسىز شېئىرلىرىمدا ،
گۈزەل رەڭدە يۈرىكىمگە يازىمەن سىزنى .
باھار بولۇپ ئېچىلىسىز تۇيغۇلىرىمدا ،
مۇھەببەتكە بىللە ئېلىپ بارىمەن سىزنى .
ئاتەش بولۇپ كۆرۈنىسىز يالغۇزلىقىمدا ،
ئوڭ يېنىمغا يانداش قىلىپ سىزىمەن سىزنى .
غۇنچە بولۇپ كۆرىنىسىز غىرىبلىقىمدا ،
پىيالەمگە ناۋات قىلىپ تىزىمەن سىزنى .
يامغۇر بولۇپ تۆكۈلىسىز تومۇزلىرىمدا،
ئۈنچە كەبى ئاھ باغرىمغا باسىمەن سىزنى .
ئاپئاق قاردەك ئېچىلىسىز تىنىقلىرىمدا ،
ئاھ مەلىكەم بىر ئۆمۈرگە سۆيىمەن سىزنى .
2013-يىلى 2-نويابىر
(خوتەن)