قان تومۇرغا ئالاقىدار نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى چىشتىن كۆرسەك خاتالاشقان بولمايمىز. تاماكا چېكىش ۋاقتى ئۇزارغانسېرى، نىكوتىن قاتارلىق زەھەرلىك تەركىبلەرنىڭ بەدەن ئىچىدىكى چۆكۈندىلىرى بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. بۇ چاغدا چىشنىڭ رەڭگى قارىداپ، يۈرەك ۋە قان تومۇرلارنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى كۈچىيىدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى، يۈرەك قان تومۇرى قېتىشىش، يۈرەك مەنبەلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش، يۈرەك كېسىلى قاتارلىق يۈرەك ۋە قان تومۇر كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ.