تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بالىلارنىڭ روھىي ساغلاملىقى چېنىقىشتىن كېلىدۇ

  ئوقۇتۇش، تەلىم – تەربىيە خىزمىتى جەريانىدا كۆپىنچە ھاللاردا تەنتەربىيە ئوقۇتۇشى بىلەن تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ رولىغا سەل قاراش ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە تەنتەربىيە ئوقۇتۇشى بىلەن تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەلىم – تەربىيە جەريانىدىكى رولى ناھايىتىمۇ مۇھىم، شۇنداقلا مەكتەپ كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇش، تەلىم – تەربىيەنىڭ ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدۇ.

   تەنتەربىيە ئوقۇتۇشى خاس ئوقۇغۇچىلارغا پىروگراممىدا بەلگىلەنگەن تەنتەربىيە دەرسلىك بىلىملىرىنى ئۆگىتىشلا ئەمەس، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك تەرتىپىنى ساقلاش، چېنىقىش ۋە ئومۇمىي كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇش قاتارلىق تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوقۇغۇچىلار، شۇنداقلا مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلەر ھەر كۈنى سەھەردە بەلگىلەنگەن چېنىقىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەش بىلەن بىللە، قايتىدىن روھلۇق ۋە جۇشقۇن بىر ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنداق چېنىقىش مەكتەپلەردە ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان رەسىم – قائىدە بولغاچقا، كىشىلەر ئادەتتە ئۇنىڭ رولىغا ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل چېنىقىش شۇ كۈنلۈك ئوقۇتۇش، تەلىم – تەربىيە خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ياكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقا تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىدا ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى ھەرقانداق ئادەم بىرەر ئىشقا سۇس ھالەتتە كىرىشسە، ئېنىقكى بۇ ئىشنىڭ ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. مۇبادا جۇشقۇن، روھلۇق كەيپىياتتا ئىشقا كىرىشسە، كەيپىياتى تۇراقلىق، كاللىسى سەگەك، تەپەككۇرىمۇ ئۆتكۈر ھالەتتە بولىدۇ – دە، ئىشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كېلىش جەريانىدا ھەرىكەت ئارقىلىق چېنىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەكتەپكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يۈزلىگەن ئوقۇتقۇچى بىلەن نەچچە يۈزلىگەن ھەتتا مىڭلىغان ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسىنىڭ ھەر كۈنى سەھەردە جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن مەكتەپكە كېلىپ، شۇ جۇشقۇن ھالىتى بىلەن خىزمەتكە، ئوقۇشقا كىرىشىپ كېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس. نۇرغۇنلىرىنىڭ ئۇيقۇغا قانماسلىق، يول مېڭىپ چارچاش، كەيپىياتى ئوخشىمىغان دەرىجىدە سۇس بولۇپ قېلىشىدەك ئەھۋاللاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا چېنىقىش بالىلاردا كەم بولسا بولمايدىغان پائالىيەت. شۇڭا ھەر بىر تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى بالىلارنى ھەر كۈنلۈك پائالىيەتكە تەشكىللەشتىن بۇرۇن، چوقۇم ئۆزى ئالدىن بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق روھلۇق ھالەتكە كېلىپ ئاندىن كەسكىن، جانلىق كوماندا ئارقىلىق پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلىشى كېرەك.

   قىسقىسى، بالىلىرىمىز ياشلىق باھارىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرغۇچقا، بۇ مەزگىلدە فىزىيولوگىيەلىك ۋە پىسخىك جەھەتتە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ مەزگىلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئائىلە، مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلار بالىلارغا تېخىمۇ مول مەزمۇنلۇق پائالىيەت ۋە ئەمەلىي چېنىقىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى، يەنە ئۇلارغا رېئال تۇرمۇشتىن، ئۆگىنىش مۇھىتىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ھېس قىلدۇرۇشى لازىم. 


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز