ئىمىن تۇرسۇنشائىر، ئالىم، تەتقىقاتچى ئىمىن تۇرسۇن(1924 – 2011) ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ھاياتى ئىجادىيەت، تەتقىقات ۋە تەھرىرلىك بىلەن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ‹‹ھەۋەس››، ‹‹تەلپۈنۈش››، ‹‹نەۋايى››، ‹‹قەدىمكى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى››، ‹‹قىزىل راۋاقتىكى چۈش›› قاتارلىق شېئىرلار توپلىمى، ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرى ۋە يىرىك تەرجىمە ئەسەرلىرى بار.
مەن تەسەددۇق تەڭدىشى يوق، ئېسىل يارىم سەن،
يارىم دېسەم كۆز ئالدىمدا كەڭ دىيارىم سەن.
گۈزەللىكتە يېگانە سەن، جەننەت نە ھاجەت،
يارىم دېسەم يۈرەك ئوينار، ئىپتىخارىم سەن.
ھارارەتتە كۈن يېڭىلگەي نۇرلۇق يۈزۈڭدىن،
پاساھەتتە ئاي كېكەچلەر ئوتلۇق سۆزۈڭدىن؛
ھالاۋەتتە سەندىن كېلۇر ھاياتقا لەززەت،
بىدارلىقتا چولپان خىجىل ئۆتكۈر كۆزۈڭدىن.
ۋۇجۇدۇمغا بەردى مېھرىڭ جان، مېھرىبانىم،
جامالىڭدىن جان ياشاردى، دەردكە دەرمانىم؛
سەن ئۈچۈن تەر تۆكۈپ ئىشلەش ماڭا شۆھرەتتۇر،
سېنى قوغداپ كەچسەم جاندىن يوقتۇر ئارمانىم.
ئۇلۇغ ئۇستاز يېتىشتۈرگەچ سەن بولدۇڭ ئوتقاش،
قەلبى ئوتلار چىن پەرۋىشچى، ساڭا زور قولداش؛
سېنى ئاسرار ئاشىقلىرىڭ بىلىپ قەدرىڭنى،
پېشۋالار چىن پاسىبان، سەن ئۈچۈن يولداش.
دىۋىلەرگە بولمىدىڭ سەن ھەرگىز دىلئارام،
جادۇگەرمۇ ئەرۋەش بىلەن قىلالمىدى رام.
ئېيىق باتۇر مەيلى تاغنى قانچە ئويناتسۇن،
ئۈركۈپ سەندىن تاپالمىغان ئەسلا ئۇ ئارام.
بەش مىڭ يىللاپ بولدۇڭ رەنا، جاھان كۆزگۈسى:
تۆت ھۈنەردە بارچە ئەلنىڭ شانلىق ئۈلگىسى؛
قامىتىڭنى قايتا رۇسلاپ يېڭى بەزمىدە،
ئەيلە جەۋلان، ھېكمىتىڭنى ئالەم كۆرگۈسى.
كونىلىقنى بۇزغان ئىدىڭ، يەنە بۇزارسەن،
يېڭىلىقتا ئۇزغان ئىدىڭ، يەنە ئۇزارسەن؛
چۈنكى دەۋرىم كۆرسەتمەكتە گۈللەش يولىنى،
زامانغا باپ يېڭىباشتىن تەزەڭ تۈزەرسەن.
زوقۇم كېلۇر كۆرسەم ئەجەب لالە بويۇڭنى،
قىلسام ئادا ئىشقىم بىلەن يۈكسەك ئويۇڭنى.
ساڭا شەيدا يىگىتلەرنىڭ تىلەك ئارزۇسى
ھەر يىل ئۇدا زەپەر بىلەن قۇتلاش تويۇڭنى.
1978 – يىل ئۆكتەبىر، ئۈرۈمچى