چىش پاسىتىسى تۈگىسە تاشلىۋېتىشكە ئالدىرىماڭ، ئىشلىتىپ بولغان بېشىنى كېسىپ، قالدۇق چىش پاسىتىسى بىلەن نەرسە-كېرەكلەرنى تازىلىسىڭىز، تېز، پاكىز تازىلىنىپلا قالماستىن، خۇشپۇراق قالىدۇ.
1.ئاشخانا-مۇنچا تازىلاش ئۇسۇلى
ئاشخانا ۋە مۇنچىنىڭ ئەسلىھەلىرى ئاسانلا كىرلىشىپ مايلىشىدۇ. رەختكە ئازراق چىش پاستىسى تەككۈزۈپ سۈرتۈپ، ئاندىن قۇرۇق رەخت بىلەن سۈرتىۋەتسىڭىزلا پاكىز چىقىپ كېتىدۇ، قايتىدىن يۇيۇش ھاجەتسىز.
●ئاشخانا بۇيۇملىرىدىكى ماي ۋە داغلار
●جۈمەكتىكى سۇ دېغى
●توڭلاتقۇنىڭ سىرتىدىكى ماي
●ئىچىملىك سۈيى ماشىنىسىنىڭ كەينىدىكى سۇ دېغى، چاي دېغى
●تەرەت تۇڭىدىكى سۈيدۈك دېغى
●توڭلاتقۇنىڭ ئىچىدىكى ماي دېغى
●ئەينەك رومكىدىكى چاي دېغى، چىش پاسىتىسى بىلەن يۇيغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم سۇ بىلەن چايقىۋېتىسىز.
●ئاشخانىنىڭ ياغاچ ئىشكاپلىرىدىكى دورا-دەرمەك دېغى
2.چىش پاستىسىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولى بار
●بالىلارنىڭ تامدا قالايمىقان سىزغان رەسىمىنى ياغسىزلاندۇرۇلغان پاختىغا ئازراق چىش پاستىسى تەككۈزۈپ سۈرتسىڭىزلا پاكىز چىقىپ كېتىدۇ.
●ئاپتوموبىلنىڭ ماركىسىنىڭ رەڭگى ئۇزۇن مەزگىلدىن كېيىن ئۆچۈپ كېتىدۇ، چىش پاستىسى بىلەن سۈرتۈپ بىردەمدىن كېيىن رەخت بىلەن سۈرتىۋەتسىڭىز رەڭگى ئەسلىگە كېلىدۇ.
●ئاپتوموبىل ئەينىدىكى سىزىلغان ئىزلار ياكى سائەتتىكى سىزىلغان ئىزلارغا ئازراق چىش پاستىسى تەككۈزۈپ، يۇمشاق رەخت بىلەن بىر نەچچە قېتىم سۈرتسە چىقىپ كېتىدۇ.
3.چىش پاستىسىنىڭ ياللۇغنى يوقىتىش رولى
چىش پاستىسىدا يالپۇز كرىستالى، سېرىنگۈل مېيى، زەنجىۋىل مېيى تەركىبى بولۇپ، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش، قاننى توختىتىش ئۈنۈمى بار.
●پاشا چاققان يەرگە ئازراق چىش پاستىسى سۈرۈپ قويسىڭىزلا قىتىشىشنى توختىتىدۇ.
●ھەرە چاققان يەرگە ئازراق چىش پاستىسى سۈرۈپ قويسىڭىز، قىزىرىشنى توختاتقىلى بولىدۇ.ئاجىز ئىشقارلىق چىش پاستىسى ھەرىنىڭ زەھىرىنى ياندۇرىدۇ.
●يازدا ئاسان ئىسسىقلىق چىقىدۇ، يۇيۇنغاندا چىش پاستىسىنى ئىسسىقلىق چىققان يەرگە سۈرۈپ قويسىڭىز، قىتىشىش بېسىقىدۇ.
●يازدا ئاسان تەمرەتكە چىقىدۇ، سۈزۈك سۇ بىلەن تەمرەتكە چىققان جاينى يۇيۇپ، چىش پاستىسى سۈرۈپ قويسىڭىز، تەمرەتكىنى يوقاتقىلى بولىدۇ.
4.كىيىملەردىكى داغنى چىقىرىش ئۇسۇلى
●كىيىملەرنىڭ ياقىسى، يېڭىدىكى ماي دېغىنى ئازىراق چىش پاستىسى بىلەن ئۇۋۇلاپ يۇيساقلا چىقىپ كېتىدۇ
●تاماق يىگەندە كىيىمىمىزگە ئېھتىياتسىزلىقتىن ھايۋانات-ئۆسۈملۈك مېيى تېگىپ كەتسە، ئازىراق چىش پاستىسىنى چىقىرىپ، بىرنەچچە قېتىم يىنىك سۈرتۈپ ئاندىن سۈزۈك سۇ بىلەن يۇيۇۋەتسەك، ماي دېغى پاكىز چىقىپ كېتىدۇ.
●خۇرۇم ئاياغ سۈرتكەندە ئازراق چىش پاستىسىغا ئاياغ مېيىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۈرتسەك، ئاياغ تېخىمۇ پارقىرايدۇ.
●ئاق تەنھەرىكەت ئايىقىنى كىيىۋەرسەك سارغىيىپ قالىدۇ، شۇڭا ئاۋۋال مەخسۇس تازىلىغۇچ بىلەن سۈرتىۋېتىپ، ئاندىن چىش پاستىسى سۈرۈپ، كونا چىش چوتكىسى بىلەن چوتكىلاپ، سۈزۈك سۇ بىلەن يۇيۇۋەتسەك يېڭى ئالغاندەك بولۇپ كېتىدۇ.