تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ياخشى كۈيئوغۇل بولاي دېسىڭىز

ياخشى كۈيئوغۇل بولاي دېسىڭىز

بەزى قىز-يىگىتلەر، قېيىنئاتا-قېيىنئانىسىنىڭكىگە بېرىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ئەمما شۇ ئاتا-ئانا تۇغۇپ چوڭ قىلغان، ھازىر بولسا ئۆزىنىڭ ئېرى ياكى خوتۇنى بولغان كىشىنى قەۋەتلا ياخشى كۆرىدۇ. بۇ خۇددى«ھەسىنىكام ئاچچىق، ئامۇتى تاتلىق» دېگەندەك بىر ئىش. سىز ئېرىڭىز ياكى خوتۇنىڭىز بىلەن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۋاتقاندا، سىزگە شۇ بەختنى ھازىرلاپ بەرگەن قېيناتا-قېينئانىڭىزنىمۇ ياخشى كۆرىشڭىز كېرەك، بۇنى ياش دوستلار ئويلاپ كۆرسە بولىدۇ. 

قايسى بىر ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ بەختلىك ئائىلىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلمايدۇ؟ سىلەر مۇشۇلارنى ئويلىغىنىڭلاردا، ئاتا-ئانىلارنىڭ تۇرمۇشۇڭلارنىڭ تېخىمۇ غەم قايغۇسىز، خۇشال-خۇرام ئۆتۈشى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ ھېرىپ ھالىدىن كېتىشىگە قارىماي بالىلىرىڭلارنى بېقىپ قاتارغا قوشۇپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بىرەر كېلىشمەسلىككە ئۇچراپ قالماسلىقىڭلارنى تىلەپ كېچە-كۈندۈز غېمىڭلارنى يەيدېغىنىنى ھېس قىلماي قالمايسىلەر. ئاتا-ئانىلارنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ، شۇنداقلا بەخت ئاتا قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمەي قىلمايسىلەر. 

شۇڭا ئەر-خوتۇن، قىز-يىگىتلەر ئۆز ئاتا-ئانىسى بىلەن قېينئاتا-قېينئانىسىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشى لازىم، بۇ ئاتا-ئانىنى ھۆرمەتلەشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىدۇر. 

كۈيئوغۇللار نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ 

1. خوتۇنىنىڭ قېشىدا قېينئاتا-قېينئانىسىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى سۆزلىمەستىن، ئارتۇقچىلىقىنى كۆپرەك سۆزلىشى كېرەك. 

2. ھېيت-بايرام كۈنلىرىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاۋۋال قېينئاتا-قېينئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ سالام بەرگەندىن كېيىن، ئاندىن باشقا جايلارغا بېرىشى لازىم.

3. ئەگەر قېينئاتا-قېينئانىسىغا ئىقتىسادى ياردەم قىلىشقا توغرا كەلگەندە، خوتۇنىنى جىقراق ياردەم بېرىشكە دەۋەت قىلىشى لازىم.

4. قېيىنئاتا-قېيىنئانىسىنىڭ ئالدىدا خوتۇنىنىڭ كەمچىلىكىنى ياكى ھەر خىل ئەيىبلىرىنى ئاشكارىلىماسلىقى لازىم. 

5. قېينئاتا-قېينئانىسىنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ئىشىكتىن «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ كىرىپ، ئامانلىق سورىغاندىن كېيىن تەكلىپ قىلىنغان ئورۇنغا بېرىپ ئەدەپ بىلەن ئولتۇرۇشى، پۇتىنى ئالماشتۇرۇپ ئولتۇرماسلىق ياكى يانپاشلاپ ياتماسلىقى لازىم.  

6. قېيىن-ئاتا-قېيىنئانىسىنىڭ ئۆيىدە داستىخان سېلىنغاندا ئاۋۋال چوڭلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تەكلىپ قىلىپ ئاندىن تاماققا قول ئۇزىتىشى، تاماق ئۈستىدە قولىنى سىلكىشتەك قىلىقلارنى قىلماسلىقى لازىم. 

7. قېينئاتا-قېينئانىسىنىڭ ئۆيىگە ھاراق ئىچىپ بارماسلىقى ھەم بۇلارنىڭ ئۆيىدە ھاراق ئىچمەسلىكى، تاماكا چەكمەسلىكى، خالىغان يەرگە تۈكۈرمەسلىكى لازىم. 

8. قېينئاتا-قېينئانىسى باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا گەپكە ئارىلىشىۋالماسلىقى، سورىمىغان گەپلەرنى قىلماسلىقى، گەپنى مۇبالىغىلەشتۈرۈۋەتمەسلىكى لازىم. 

9. قېينئاتا-قېينئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئايالىنى ياكى بالىلىرىنى سىلكىشلەپ، دوق قىلىپ قىيدىغاندەك گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىشى لازىم. 

10. قېينئاتا-قېينئانىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلارغا توغرا پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ پات-پات بىر يەرگە جەم بولۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى، مەسىلىلەرگە توغرا قاراپ، ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن قېينئاتا-قېينئانىسى ۋە خوتۇنىنىڭ ئىناق ئۆتۈشىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشى لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندا ياخشى كۈيئوغۇل بولغىلى، ئىناق ئائىلە قۇرغىلى بولىدۇ. 


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز