تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
يۇيۇنۇش ۋە جىنسىي ئىقتىدار

يۇيۇنۇش ۋە جىنسىي ئىقتىدار

  يۇيۇنۇش ئەڭ ئاساسلىق تازىلىق ئادىتى بولۇپ، جىنسىي تۇرمۇشقا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىرىنجىدىن، يۇيۇنۇش كىشىنى روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئەركىن ھېس قىلدۇرۇپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن جىنسىي تۇرمۇشقا كىرىشىشكە شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ؛ ئىككىنجىدىن، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن بۇرۇن ئىسسىق سۇدا يۇيۇنغاندا، بەدەن تېمپۇراتۇرىسى ئەسلىگە كېلىپ، تېرە سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛ ئۈچىنجىدىن، ئەر–ئايال بىرگە يۇيۇنۇش جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ناھايىتى ياخشى مۇقەددىمىسى ھېسابلىنىدۇ، جىنسىي ھەۋەسنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

  لېكىن، بىر قىسىم توغرا بولمىغان يۇيۇنۇش شەكىللىرى جىنسىي تۇرمۇشقا ئەكس تەسىر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇزۇن مۇددەت ئىسسىق ۋاننىغا چىلىنىپ يۇيۇنۇش ئۇسۇلى مەزى بېزى قاتارلىق ئەرلىك ئەزالارغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئەرلەر ئىلمىي يوسۇندا يۇيۇنۇشنى ئۈگىنىۋېلىشى، پاكىزلىققا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىنسىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىگە يېتەلىگەن بولۇشى لازىم.

  يۇيۇنغاندا، سۇ تېمپىراتۇرىسى بەك يۇقۇرى بولۇپ كەتمەسلىك، ئەڭ ياخشىسى ℃38 تىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم، ۋاننىدا كۆپ چىلانماسلىق لازىم. يۇيۇنغۇچ بېشىنى زەكەر تۈۋى ئەتراپىغا توغرىلاپ، ئىلمان سۇ چېچىپ بەرگەندە، يەرلىك ئورۇننىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، زەكەر ۋە ئۇرۇقداننىڭ چارچىشىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ ، زەكەرنىڭ قايىم بولىشىغا پايدىسى بولىدۇ. يوتا تۈۋى ئىچكى تەرىپىدىكى چات قىسىمغىمۇ بەلگىلىك بېسىمدا ئىلمان سۇ ئارقىلىق غىدىقلاش بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىككى بارماق بىلەن يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە قاراپ چات يېرىقىنى سىيلاپ بېرىش ئارقىلىق، جىنسىي ئەزانى تېخىمۇ ياخشى ئاسرىغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەرلەرنىڭ كىچىك قوساق قىسمىدا يەنە بىر قىسىم مۇھىم پەللىلەر بولۇپ، ئىللىق سۇدا غىدىقلاش بېرىلسە جىنسىي ئىقتىدار ئۈچۈن پايدىلىق بولىدۇ.

  يەنە بىر خىل ئىسسىق، سوغۇق سۇدا ئالمىشىپ يۇيۇنۇشتەك قەدىمىي يۇيۇنۇش ئۇسۇلى بار بولۇپ، جىنسىي ئىقتىدارنى ياخشىلاشقا پايدىسى بولىدۇ. كونكېرت يۇيۇنۇش ئۇسۇلى مۇنداق: ئاۋال ئىلىمان سۇدا پۈتۈن بەدەن يۇيىلىدۇ، بەدەن ئىللىغاندىن كېيىن، تېمپىراتۇرىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان سۇدا چات ئارىلىق يۇيىلىدۇ، زەكەر ۋە ئۇرۇقدان قورۇلغاندىن كېيىن، تېمپۇراتۇرا يەنە يۇقىرىراق تەڭشىلىدۇ، مۇشۇ يوسۇندا 3 قېتىمدىن 5 قېتىمغىچە داۋالاشتۇرۇپ ئاخىرلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئەگەر قەتئىي داۋالاشتۇرۇلسا، ئەرلەرنىڭ كۈچ قۇۋۋىتى تولۇپ تېشىپ، جىنسىي ئىقتىدار كۈچىيىدۇ، ھارغۇنلۇق يېنىكلەيدۇ. لېكىن، تۇنجى قېتىم سىنىغۇچىلار سۇ تېمپۇراتورىسىنى بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن تەڭشىۋالماسلىقى كېرەك، رېتىملىق تەدرىجى ئىلگىرلەش، زۇكامداپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك .

مەنبە: شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى ئەرلەر بۆلۈم مەركىزى تەييارلىدى.


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز