بىر دېھقان بىر چىلان تورۇق ئېتىنى يوقىتىپ قويۇپ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بوپتۇ. دېھقانغا نىسبەتەن ئات ئائىلە مۈلكىنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدۇ-دە! دېھقان بۇ ئات بىلەن كىراكەشلىك قىلىدىكەن، يەر تېرىيدىكەن، ئات بولمىسا تۇرمۇش كەچۈرمىكىمۇ قىيىن بولىدىكەن.
دېھقان ئېتىنى ئىزدەپ تېپىش قارارىغا كېلىپ بىرقانچە كەنتنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، ئاتنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن دېھقان ئېتىنى بازاردىن ئىزدىمەكچى بوپتۇ.بۇ كۈنى بازار ئىنتايىن قىزىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلاغ بازىرىدا ئۇلاغ ئالىدىغان، ئۇلاغ ساتىدىغانلارنىڭ كۆپلۈكى، ئات-كالىلارنىڭ كىشنەش، مۆرەشلىرى بازارنى بىر ئالغان، قىستا-قىستاڭچىلىقتا پۇت قويغۇدەك يەرمۇ يوق قايناق بازار بولغانىكەن.
دېھقان ئۇدۇل ئات بازىرىغا بېرىپ، بىر ئايلىنىپ تۇرۇشىغا تۇيۇقسىز بىر ئاتنىڭ قاتتىق كىشنىگىنىنى ئاڭلاپتۇ، شۇنداق كەينىگە قارىسا، بىر ئادەم ھېلىقى يىتىپ كەتكەن ئېتىنى يېتىلەپ، «ساتىمەن»دەپ توۋلاپ يۈرگۈدەك.
دېھقان دەرھال بېرىپ ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتۇپلا تارتىپ مېڭىپتۇ. ئاتنى ساتماقچى بولغان ئادەم:
-ھەي! قانداق ئادەمسەن؟ مېنىڭ ئېتىمنى نەگە ئاپىرىسەن؟-دەپ ھۆركىرەپتۇ. دېھقان:
-بۇ ئات مېنىڭ، مەن ئاتنىڭ ئىگىسى، بايا ئاتنىڭ مېنى كۆرۈپلا كىشنەپ كەتكەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟-دەپتۇ. ئاتنى ساتماقچى بولغان كىشى:
-ئات مېنىڭ؟ ھەقىقىي ئىگىسى مانا مەن،-دەپتۇ.
بۇ ئىككەيلەن تالىشىپ بارغانسېرى ۋارقىرىشىپ كېتىپتۇ. كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ تاماشا كۆرۈشكە باشلاپتۇ.
دېھقان ئېتىنى ئالالمىغاندىن كېيىن كۆڭلىدە بىر چوت سوقۇپتۇ. ئۇ بېشىدىكى چىغ قالپىقى بىلەن ئاتنىڭ كۆزىنى توسۇپ تۇرۇپ، ئاتنى ساتماقچى بولغان كىشىدىن سوراپتۇ:
-بۇ ئاتنىڭ بىر كۆزى قارىغۇ. ئەگەر سەن ھەقىقەتەن ئاتنىڭ ئىگىسى بولساڭ، قايسى كۆزىنىڭ قارىغۇ ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟
-سول كۆزى.
-خاتالاشتىڭ.
-ئوڭ كۆزى، ئوڭ كۆزى.ئۆتكەن ئاي كۆزى ئاغرىپ قېلىپ، مەن ئۇنى مال دوختۇرىنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ داۋالاتقان،-ئات ساتقۇچى دەرھال گېپىنى ئۆزگەرتىپتۇ.
تاماشا كۆرۈپ تۇرغانلار ئات ساتقۇچىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۈلۈشۈپتۇ.
دېھقان دەرھال چىغ قالپاقنى ئېلىۋېتىپ:
-كۆپچىلىك قاراڭلار، بۇ ئاتنىڭ ھەر ئىككى كۆزى ساق. مانا بۇ ئىسپات. ئۇ مېنىڭ ئېتىمنى ئوغرىلاپتۇ!
تاماشا كۆرۈۋاتقانلار تەرەپ-تەرەپتىن:
-شۇنداق، چوقۇم شۇ ئوغرىلاپتىكەن، بولمىسا نەدىمۇ ئۆزىنىڭ ئېتىنىڭ قانداق كېسەل ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان ئىگىسى بولسۇن،-دېيىشىپتۇ.
ئات ساتقۇچى ھودۇققىنىدىن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالماپتۇ. دېھقان ئات ساتقۇچىنىڭ قولىدىن ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى تارتىۋېلىپ خۇشال ھالدا ئۆيگە قايتىپتۇ.