تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى (40) - ساختا نەق مەيدان

تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى (40)

ساختا نەق مەيدان

پۇتبول ئوبزورچىسىنىڭ جەسىتى ئۇنىڭ كۈتۈپخانىسىدىن تېپىلدى، ئۇنىڭ كۆكرىكىگە ئىككى پاي ئوق تەگكەنىدى، جەسەتنى ئۇنىڭ ئۆي خىزمەتچىسى ئەتىگەندە بايقىغان. 

نەق مەيداندىكى ماددىي پاكىت بىر ئۈنئالغۇ بولۇپ، ئۇنىڭغا «ھەيۋەت» كوماندىسى بىلەن «بەن شىن» كوماندىسىنىڭ تۈنۈگۈنكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ئېلىنغانىدى. 

بېكىتكۈچلەر ئۇنىڭدىن چىقىۋاتقان مۇسابىقە ئەھۋالىنى ئاڭلاۋاتاتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 20 مىنۇتتىن كېيىن «ھەيۋەت» كوماندىسىنىڭ ئالدى ھۇجۇمچىسى تەتۈر تېپىپ بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجە تەڭلىشىپ قالدى، گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۈنئالغۇ لېنتىسىدىن ئىككى پاي ئوق ئېتىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى، يەنە ئىڭرىغان ئاۋازمۇ بار ئىدى، لېكىن نەق مەيداندىن ئاڭلىتىش بۇ ماسلاشمىغان ئاۋازنىڭ ھېچقانداق تەسىرىگە ئۇچرىماستىن داۋاملىشىۋاتاتتى. 

شەنتىيەن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندە تەكشۈرگۈچىلەر نەق مەيداننى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرغانىدى. 

«گۇ.. گۇ.. گۇ..» قىلغان ئاۋاز بۇ يەردە تۇرغانلارنى چۆچۈتۈۋەتتى، ئەسلىدە تام سائىتى ۋاقىت مەلۇم قىلىۋاتاتتى، كەپتەر دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ مەلۇم قىلغان ۋاقىت سائەت 10:00 ئىدى. 

«ئۆلگەن ۋاقىتنى ئوقتۇڭلارمۇ؟» «تۈنۈگۈن كەچ سائەت 9 دىن 3 مىنۇت ئۆتكەندە ئۆلۈپتۇ». 

تەكشۈرگۈچلەر ئۈنئالغۇنى ئېچىپ شەنتىيەنگە ئاڭلاتتى، ئۇنىڭدىن:«بۇ گەپنى بەن شىن كوماندىسىنىڭ بېكى ھەل قىلغۇچ بىر توپ كىرگۈزگەن چاغدا دېكتور دېگەن. باياتىن رادىئو ئىستانسىغا تېلېفون بېرىپ سورىدۇق،«بەنشىن» كوماندىسىنىڭ بېكى توپ كىرگۈزگەن ۋاقىت دەل تۈنۈگۈن كەچ سائەت 9 دىن 3 مىنۇت ئۆتكەن چاغ ئىكەن» دېدى. 

«ئەتراپتىكى ئادەملەر مىلتىق ئاۋازىنى ئاڭلىماپتىمۇ؟» 

«ياق، بۇ كۈتۈپخانىنىڭ دېرىزىسىگە قوش قانات ئەينەك سېلىنغان ئىكەن، شۇڭا مىلتىق ئاۋازى سىرتقا ئاڭلانمىغان چېغى».  شەنتيەن تەكشۈرگۈچلەر بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپ قول سائىتىگە قاراپ تۇرۇپ ئۈنئالغۇنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلىدى. 

«توغرا....»

 تېلېۋىزورنىڭ مۇسابىقىنى كۆرسىتىدىغان ۋاقتى سائەت 8 دىن 4 مىنۇت ئۆتكەندە ئاخىرلىشىدۇ، شۇڭا شۇڭا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى شۇنىڭدىن كېيىن دەرھال ئۈنئالغۇنى ئاچقان، قاتىل دەل مۇشۇ ۋاقىتتا قول سالغان» تەكشۈرگۈچى شۇنداق چۈشەندۈردى. 

«ياق» دېدى شەنتىيەن قەتئىي قىلىپ،«ئۆلگۈچى بۇ كۈتۈپخانىدا ئەمەس بەلكى باشقا جايدا ئۆلتۈرۈلگەن». 

«نېمە دېدىڭىز؟ نېمە ئۈچۈن؟»

«ئۆلگۈچى باشقا جايدا ئۈنئالغۇغا ئېلىۋاتقاندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، قاتىل جەسەت بىلەن ئۈنئالغۇنىمۇ قوشۇپ بۇ كۈتۈپخانىغا ئەكىرىپ مۇشۇ يەردە ئۆلتۈرۈلگەن ساختا مەيدان ياساپ چىققان. 

«شەن تيەن ئەپەندى، مەن بۇ ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى ئىككى قېتىم ئاڭلىدىم، لېكىن سىز دېگەندەك ئىسپات بۇنىڭ ئىچىدە يوققۇ؟». 

«سىز يەنە بىر قېتىم ئەستايىدىل ئاڭلاپ بېقىڭ، ئۈنئالغۇدا بىرخىل ئاۋاز يوق، شۇڭا كۈتۈپخانا ھەرگىزمۇ ئادەم ئۆلتۈرگەن نەق مەيدان ئەمەس»، شەنتىيەن ئۈنئالغۇنى ئېچىپ مۇسابىقىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋال يەنە بىر قېتىم ئاڭلاتتى.


رازۋېدكا ھېكايىلىرى (39) نىڭ جاۋابى:

ساقچىلار ئوچاقتا كۆيۈۋاتقان ئوتقا قاراپ بۇ ئىشتىن گۇمانلانغان، ئەگەر چۈيۈەن ئۆز ئۆيىدە ئۆلتۈرۈلگەن بولسا كېيىنكى 45-46 سائەتتە ئوچاقنىڭ گازى تۈگەپ ئوت ئۆچۈپ قالاتتى. لېكىن سەنلاڭ ئاچىسى بىلەن جەسەتنى يۆتكەپ كېلىپ ئوچاققا ئوت يېقىپ قويغان چاغ شۇ كۈنى سەھەر سائەت تۆت يېرىم بولغان ۋاقىت ئىدى، بۇنىڭدىن جەسەت بايقالغىچە بولغان ۋاقىت 10 سائەتكىمۇ يەتمەيدۇ، شۇڭا ئوچاقتىكى ئوت ئۆچۈپ قالمىغان.  



ئەسلى مەنبەسى: wlmqwb.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز