ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 18–ئىيۇن ئېلان قىلغان يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھاۋا بۇلغىنىشى ئېغىر رايونلاردا تۇغۇلغان بالىلارنىڭ تەنھالىقنى خالاش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ھاۋا بۇلغىنىشى يېنىك رايونلاردا تۇغۇلغان بالىلارغا قارىغاندا ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ھاۋا تەركىبىدە دېزىل ماي مىكرو توزىنى ياكى سىماب دەرىجىسى يۇقىرى رايونلاردا تۇغۇلغان بالىلارنىڭ تەنھالىقنى خالاش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن. ئەگەر ئاياللار ھامىلىدار مەزگىلىدە قوغۇشۇن، مانگان، مېتان دى خىلور مېتان ۋە بىرىكمە مېتاللار بىلەن ئۇچراشقان بولسا ئۇلار يەڭگىگەن بوۋاقلارنىڭ تەنھالىقنى خالاش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %50 ئەتراپىدا يۇقىرى بولىدىكەن.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-02/06/content_496271.htm