ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
بەزىلەر قىشتا قىزىق سۇدا يۇيۇنۇشنى، ھەتتا ئادەتتىكىدىن ئۇزاقراق يۇيۇنۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قان تومۇرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ناچار بولغاچقا، قىزىق سۇ بەدەننىڭ تەڭشەش ئىقتىدارىدا چېكىنىش پەيدا قىلىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنچىدا سۇ پارى نىسبەتەن كۆپ بولغاچقا، ئىسسىق ھەم دىمىق شامال ئۆتۈشۈپ تۇرمىغان مۇھىتتا ماددا ئالمىشىش تېز بولىدۇ. مەسىلەن، بۇ خىل مۇھىتتا يۇيۇنغان ۋاقىت ئۇزاق بولسا چوڭ مېڭە ۋە يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوكسىگېن يېتىشمەي، مېڭىگە قان چۈشۈش يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ؛ شۇڭا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بار ياشانغانلار يۇيۇنىدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشمىغىنى، يۇيۇنۇش ۋاقتى 15مىنۇت ئەتراپىدا بولغىنى ياخشى.