تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
يۈرەك كېسىلى دورىسىنى كىم 10 ھەسسە ئۆستۈرۈۋەتتى؟

يۈرەك كېسىلى دورىسى «دىگوكسىن» (地高辛) نىڭ باھاسى ئۆستى، يەنى 10 ھەسسە ئۆستى.

بۇ ئەھۋال قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ھەرقايسى تاراتقۇلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. ھەتتا بىر قىسىم تاراتقۇلار «دىگوكسىن» باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە سەۋەبچى بولغىنى دۆلەت دورىلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىش باھاسىغا بولغان چەكلىمىنى بىكار قىلىۋەتكەنلىكى دەپ قارىدى. لېكىن دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئورگان تور بېكىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە «دىگوكسىن» نى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن دۆلەت ئىچى كارخانىلىرىدىن 10 نى، شېرىكلەشكەن كارخانىدىن 1 ى بار ئىكەن. دېمەك «دىگوكسىن» نىڭ باھاسىدا مونوپول قىلىۋېلىش ئەھۋالى يوق ئىكەن. ئەگەر بۇ كارخانىلارنىڭ ھەممىسى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشسە، بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مەسىلە يوق ئىكەن.  ئۇنداقتا مەسىلە زادى نەدە؟

مەسىلە شۇكى، بۇ كارخانىلاردىن «دىگوكسىن» نى رەسمىي ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سېلىۋاتقىنى پەقەت شاڭخەي شىنيى (上海信谊) بىلەن Sanofi (خاڭجۇ) دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى بولۇپ، كۆپ ساندىكى كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىشتىن ۋاز كەچكەن. بۇنداق بولۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەب، ھەر قېتىملىق خېرىدار چاقىرىش يىغىنىدا ھەر قايسى ئۆلكىلەر باھانى ھەددىدىن زىيادە تۆۋەنلىتىپ، ئىشلەپچىقارغۇچىلار بۇ دورىنى ئىشلەپچىقارسا زىيان تارتىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. بۇنىڭ بىلەن ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئازلاپ كېتىپ، ئەرزان باھالىق ياخشى دورا يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان.

ئىشلەپچىقارغۇچى ئاز، بازار ئېھتىياجى يەنىلا مەۋجۇت بولغان ئەھۋال ۋاكالەتچى سودىگەرلەر (中间商) نى مالنى بېسىپ قويۇپ ھايانكەشلىك قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان بولۇپ، ئۇلار جايىدا ئولتۇرۇپ باھانىڭ ئۆسۈشىنى كۈتكەن.

ئەمەلىيەتتە ۋاكالەتچى سودىگەرلەر 2014-يىلى 11-ئايدىلا سىناق خاراكتېرىدە باھانى ئۆرلەتكەن بولۇپ، بۇنىڭغا نىسبەتەن بازار ئىنكاسى كۈچلۈك بولمىغان، ھەمدە شاڭخەي شىنيىمۇ ئىشلەپچىقىرىشتىن ۋاز كېچىپ ئىشلەپچىقارغۇچىلار تېخىمۇ ئازلىغان. ۋاكالەتچى سودىگەرلەر بۇ ئەھۋالنى بايقىغاندىن كېيىن مالنى بېسىپ قويۇپ ھايانكەشلىك قىلىش نىيىتىگە كېلىپ، باھانى تەپ-تارتماستىن ئۆستۈرۈشكە باشلىغان.

يىغىنچاقلىغاندا، «دىگوكسىن» نىڭ باھاسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە قىممەت بولۇشىغا غەيرىي بولغان خېرىدار چاقىرىشنىڭ ئىشلەپچىقارغۇچىلار سانىنى ئازايتىۋەتكەنلىكى ۋە قىسمەن ۋاكالەتچى سودىگەرلەرنىڭ مالنى بېسىپ قويۇپ ھايانكەشلىك قىلغانلىقى سەۋەب بولغان.

يازغۇچىنىڭ تەشەببۇسى شۇكى، ھۆكۈمەت تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ «دىگوكسىن» ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلارنى كۆپەيتىشى كېرەك. مال مەنبەسى تولۇق بولغاندا ھايانكەشلىك قىلىۋاتقان سودىگەرلەرمۇ دورا باھاسىنى تەبىئىي ھالدا مۇۋاپىق سەۋىيەگە چۈشۈرىدۇ.   

مەنبەسى:سۇمۇرغ تورى 

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز