تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
2 - تۈركۈمدىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى

 رەناگۈل خۇدابەردى خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، تولۇق كۇرس 0 - ت−ۈركۈم، تولۇق كۇرس 1 - تۈركۈم پىلانىدىكى مەكتەپلەرگە ئارخىپ چىقىرىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاساسەن ئاخىرلاشتى. ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىزدىن جەمئىي 31 مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، 2 - تۈركۈمدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى 353 ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئاپتونوم رايونىمىزدىن 3815 ئوقۇغۇچى، 3 - تۈركۈمدە 78 ئالىي مەكتەپ 959 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن.

   ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى 31 - ئىيۇل مىللىي تىل - يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەنلەرنى، 3 - ئاۋغۇست قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە خەنزۇ تىل - يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىيلارنى ئورۇندالمىغان پىلانغا 2 - قېتىم ئارزۇ تولدۇرۇشقا تەشكىللەيدىكەن. 2 - قېتىملىق تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتىدا بۇ ئېشىپ قالغان پىلانلار داۋاملىق توردا ئېلان قىلىنىدىكەن، ئورۇندالمىغان پىلانغا ئارخىپ چىقارغاندا بىر قىسىم مەكتەپلەرنىڭ بەزى كەسىپلىرىگە نومۇر سىزىقى ئۈستىدە ئوقۇغۇچى مەنبەسى يېتىشمسە، نومۇر سىزىقى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىلىپ ئارخىپ چىقىرىلىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا، قوبۇل قىلىنمىغان ۋە قوبۇل قىلىش تۈركۈمىنىڭ نومۇر چېكى ياكى ماتېماتىكا نومۇر چېكىگە يېتەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ تولۇقلاپ ئارزۇ تولدۇرسا بولىدىكەن.


ئەسلى مەنبەسى: uy.ts.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز