بىلۇمبېرگ Intelligence نىڭ ئانالىزچىسى جون باتلېرنىڭ قارىشىچە، گەرچە iPhone 6s گە ئەڭ يېڭى A9 بىر تەرەپ قىلغۇچ، Force Touch بېسىم سېزىش تېخنىكىسى قاتارلىقلار سەپلىنىدىغان، كامېرا نەشرىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن iPhone 6 ئىشلەتكۈچىلىرىگە نىسبەتەن بۇ ئىقتىدارلارنىڭ ئانچە «ۋاي» دەپ كەتكۈچىلىكى يوق ئىكەن. بۇ سەۋەبتىن، iPhone 6s سېتىلىش مىقدارى جەھەتتە چوڭ ئۇتۇق قازىنالماسلىقى مۇمكىن.
بازار تەكشۈرۈش ئورگىنى IDC نىڭ مۆلچەرىچە، 2016-مالىيە يىلى ئالما شىركىتى 232.7 مىليون دانە iPhone ئىشلەپچىقىرىدىكەن، 2015-يىلى بۇ سان 233.8 مىليون ئىدى. iPhone 6 Plus نىڭ كۆرسىتىش ئېكرانى تۇنجى قېتىم 5.5 دىيۇمغا كۆتۈرۈلۈپ، ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلغان، بۇنىڭ بىلەن سېتىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولغان ئىدى. ئەگەر، بىۋاسىتە ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلمىسا، شۇنداقلا «قاتىل ئىقتىدار» لار كەم بولسا، ئىستېمالچىلار تەبىئىيلا يېڭى مەھسۇلاتقا قىزىقماسلىقى، بۇنىڭ بىلەن سېتىلىش مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن.
لېكىن، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇكنىڭ دېيىشىچە، ئۈچىنچى پەسىلدە پەقەت %27 ئىشلەتكۈچىلا iPhone 6 سېتىۋالغان، بۇ يەنە %73 ئىشلەتكۈچىنىڭ كونا ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ ئەھۋالنى ئويلاشقاندا iPhone 6s سېتىۋالىدىغان يوشۇرۇن خېرىدارلارمۇ ئاز بولماسلىقى مۇمكىن.