بوۋاقلارنى بەك كىچىك ئولتۇرغۇزسا ياكى ئولتۇرغان ۋاقتى ئۇزۇن بولسا ۋە بوۋاقنىڭ ئولتۇرۇش قىياپىتى توغرا بولمىسا، بالىلار ئومۇرتقا تۈۋرۈكى قىڭغىر بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم:
1. بوۋاقنى بەك كىچىك ئولتۇرغۇزماسلىق كېرەك. ئادەتتە بوۋاقلار ئالتە ئايلىق بولغاندا ئولتۇرۇشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. بىراق بەزى ئاتا–ئانىلار بوۋاقنى ئۈچ –تۆت ئايلىق بولغاندا بوۋاقنى يوتقان –كۆرپىلەرگە ئوراپ ئولتۇرغۇزۇپ قويىدۇ، ۋاقىت ئۇزارسا بوۋاقلار ئولتۇرۇپ ئۇخلايدۇ، بۇ خىل ھالەت ئۇزاق داۋاملاشسا، ئومۈرتقا تۈۋرۈكى ئاسانلا قىڭىر بولۇپ قالىدۇ.
2 . بوۋاقلار ۋە مەكتەپ يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ ئولتۇرۇش قىياپىتىنى توغرىلاڭ. ئۈستەلدە خەت يازغان، كىتاب كۆرگەندە، بەدەن قىياپىتى ۋە ئورۇندۇق بىلەن شىرەنىڭ ئېگىز –پەسلىكى ماسلاشقان بولۇش كېرەك.
تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى:
http://uy.ts.cn/life/content/2016-03/14/content_509530.htm