تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
نىكاھ ۋە ئائىلە توغرىسىدا ھۆكۈم

نىكاھ ۋە ئائىلە توغرىسىدا ھۆكۈم

ئائىلە ئۆي دېمەكتۇر. بۇ ئۆينىڭ چوڭ ياكى كىچىك، يېڭى ياكى كونا، ھەشەمەتلىك ياكى ئاددىي بولۇشى ئىقتىسادىي شارائىت ۋە ۋاقىت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. 

ئەر-ئۆينىڭ تۈۋرىكى. بۇ تۈۋرۈك مەزمۇت تۇرۇپ تام ۋە ئۆگزىنى تىرەپ تۇرالىسىلا ئۇنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئۆرۈلۈپ كەتمەي يەنىلا ئۆي پېتى تۇرىۋېرىدۇ. 

ئايال-ئۆينىڭ تېمى. مۇستەھكەم تام ئۆينى بوران چاپقۇندىن ساقلاپلا قالماي، بەلكى نەپىس رومانتىك كۆرۈنۈشلىرى بىلەن بېزەپ ئۆيدىكى ئادەملەرنى تېخىمۇ كۆپ ئىللىقلىق، خۇشاللىق ۋە بەختتىن بەھرىمەن قىلىدۇ. ئەگەر تام ئۆرۈلۈپ كەتسە تۈۋرۈكمۇ تېزلا چىرىپ كېتىدۇ، ئۆي ئاسانلا گۈمۈرۈلۈپ چۈشىدۇ. 

ئاتا-ئانا-ئىللىق ئۆينىڭ ئۆگزىسى. ئۇلار ھايات چاغدا قەدرى ئانچە بىلىنپ كەتمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ئايرىلغاندىن كېيىن يەنى ئۆيگە يامغۇر ئۆتكەندە، توپا قونغاندا، بوران چاپقۇندا تەۋرەنگەندە، ئۇنىڭ مۇھىملىقى ئاندىن مەلۇم بولىدۇ. 

پۇل-ئۇل. ئۇنىڭ مۇستەھكەملىكى ئۆيگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەمما بۇنداق تەسىر مۇتلەق بولمايدۇ، ھەرقانچە مۇستەھكەم بولغان ئۆينىڭ ئۈستىدىكى تۈۋرۈكمۇ چىرىيدۇ، ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ، كۆپلىگەن تاملاردا ئۇلنىڭ مۇستەھكەملىكى نەزەردە تۇتۇلۇپ، تۈۋرۈكنىڭ سۈپىتىگە سەل قارىغانلىقتىن، تۈۋرۈك باشقىلار تەرىپىدىن يۆتكەپ كېتىلىپ، تاممۇ ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ، ئۇلىنى قۇچاقلاپ قالىدىغان پاجىئەلىك ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ. 

نىكاھ-ئۆي كىنىشكىسى. 

ئاشنا-ئۆي كىنىشكىسى ئېلىنمىغان قانۇنسىز ئۆي. ئەلۋەتتە كۆرۈشنى خالىمايدىغانىڭىز قانۇنسىز ئۆينىڭ چۇۋۇپ تاشلىشنىشى بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى سىز ھېچقانداق تۆلەمگە ئېرىشەلمەيسىز. بۇنداق ئۆي سالغاندىلا تەۋەككۈلچىلىك قىلىنغاچقا، ئۇنىڭ ئۆمرى ئۇزاققا بارمايدۇ. 

ئايرىلىپ تۇرۇش-قانۇنسىز ئۆيگە بېرىپ يېڭىلىقنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرۈش.

ئاجرىشىش-قانۇنسىز ئۆيگە مەھلىيا بولۇپ قېلىپ، ئۆز ئۆيىنىڭ كىنىشكىسىنى قانۇنسىز ئۆيگە يەتكۈزۈپ بېرىش. 

يارىشىپ قېلىش-قانۇنسىز ئۆيدىن كۆچۈپ كېلىش ھەمدە ئۆي كىنىشكىسىنى قايتۇرۇپ ئېلىش. 

بالا-ئۆينىڭ يىلىمى. مەيلى ئۆينىڭ ئىچىنى بېزەشكە ئىشلىتىدىغان يىلىم بولسۇن ياكى تام قوپۇرغاندا ئىشلىتىدىغان سېمونت بولسۇن، ئۇنىڭ يېپىشتۇرۇشچانلىقى يوشۇرۇن بولسىمۇ، ئەمما رولى ناھايىتى چوڭ. كۆپلىگەن ئۆينىڭ تۈۋرىكى ۋە تېمىنىڭ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما يېپىشتۇرغۇچنىڭ رولى ۋەجىدىن ئۆرۈلۈپ كەتمەيدۇ. 

ئاشنا ئويناش-ساياھەتكە چىقىپ مېھمانسارايغا چۈشۈش ھېسابلىنىدۇ. مېھمانساراي ناھايىتى ئارامبەخش بولغاچقا، بەلكىم خۇشاللىقىڭىزدىن ئۆيىڭىزنىمۇ سېغىنماسلىقىڭىز مۇمكىن، ئەمما ئاخىرى قىممەت ياتاق ھەققىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، خوشلىشىسىز. يەنە بىر ئاقىۋەت شۇكى، ئۆيىڭىزگىغۇ قايتىپ كېلىسىز، ئەمما ئۆيىڭىز ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ. 

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز