سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە بولغان 3يىل ۋاقىتتا يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سانى 4 مىليون 729 مىڭ 500 دىن 3 مىليون 304 مىڭ 500 گە ئازايغان بولۇپ، قىسقىغىنا 3 يىل ئىچىدە يېزا مۇئەللىملىرىنىڭ ئېقىپ كېتىشى %30 گە يەتكەن.
ياتاق شارائىتىنىڭ ناچارلىقى، ئۆيىگە يىراق بولۇش، ئائىلىسىدىن خەۋەر ئالالماسلىق قاتارلىقلار بارلىق يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئورتاق قىيىنچىلىقى بولۇپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
يېقىندا ئېلان قىلىنغان «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» دە تەكىتلىنىشىچە، ئۇنۋاننىڭ كونكرېت باھالاش شەرتلىرىدە يېزا كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىغا ماس ھالدا ئېتىبار بېرىلىدىكەن. يېزىدا 3 يىلدىن ئارتۇق دەرس بەرگەن، ئىپادىسى ئەلا ۋە شەرتكە مۇۋاپىق كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار، ئوخشاش شارائىتتا ئالدى بىلەن ئۇنۋان باھالىنىدىكەن.
قانداق قىلىپ شەھەر يېزا مائارىپ بايلىقىنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىش توغرىسىدىكى مەسىلە ئۈستىدە توختالغاندا يۈ مىنخۇڭ (俞敏洪) نىڭ دېيىشىچە، ئالدى بىلەن يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە بايلىق قەيەردە بولسا شۇ يەردە ئىختىساسلىقلار بولىدىكەن، ئەخلاق ياكى تەقدىم قىلىش روھى ئارقىلىق يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى تۇتۇپ قالغىلى بولمايدىكەن.